
تېڭشۈن تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، TheStreetنىڭ باشبەت ماقالىسى «نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تەھدىت ئىلىپ كەلدى»، ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئالتە ھەپتىدە، ئامېرىكا نېفىت باھاسىنىڭ جەمئىي ئاشقان نىسبىتى %12 پىرسەنتكە يەتكەن، بۇ ئاساسلىقى ئىراننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، ياۋروپانىڭ قاتتىق سوغۇق ھاۋارايى شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خام نېفىتكە بولغان توختىماستىن ئېشىۋاتقان ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بولغان. لېكىن تەھلىلچىلەر، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ چىقىم تەننەرخىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىزېل مېيى ۋە ئايروپىلانلار يېقىلغۇسىنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ITG Investment Research نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى Judith Dwarkin مۇنداق كۆرسەتكەن: « ھازىرقى يۈكى خېلىلا ئېغىر بولغان ئامېرىكا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خام نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئوشۇقچە بىر يۈكنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئىبارەت. »
مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى، برېنت خام نېفىت باھاسى 10.8 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ ھەر بىر تۇڭى 120.01 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان جەمئىي ئۆرلىگەن نىسبەت %12 گە يەتكەن، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %15 ئاشقان. غەربىي تېكساستىكى ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىتنىڭ باھاسى ئوخشاشلا پەيشەنبە كۈنى 52 سېنت ئۆرلەپ ھەر بىر تۇڭى 102.32 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، بۇ خام نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆرلەش نىسبىتى %21 گە يەتكەن.