جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
بايلىق يارىتىش ئاۋانگارتلىرى 2011-يىللىق جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بايلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنى قۇرۇش مۇراسىمى21-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بايلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە بەختلىك بايلىق يارىتىش يولى،پوچتا ئامانىتى سىزگە ھەمراھ ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ ، كىيىنكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ،ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بايلىق يارىتىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ ئىلى،بايىنغولىن،قەشقەردە تارماق مۇسابىقە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىنىڭ يېتەكچى پىروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەت. بۇ جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلغا ئەھمىيەت بېرىش،يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ،دېھقانلار ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرىنىشى.
پوچتا ئامانەت بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى سۈن لىيەن مۇنداق دېدى: بانكىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى 15 تارماق مۇسابىقە رايونىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باش بانكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا،مۇسابىقە سەھنىسى ۋاسىتىسى بىلەن شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ بېيىشى، ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش پۇرسىتى ۋە ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ