ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
كېنىيە جۇڭگو ئىقتىسادىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> ئىقتىسادى خەۋەرلەر >>
كېنىيە جۇڭگو ئىقتىسادىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك
 يوللىغۇچى:ئالىپ   كىلىش مەنبەسى:نۇر تورى  كۆرلىشى:33  
 [كېنىيە «سودا گېزىتى»نىڭ 20-ئۆكتەبىر ماقالىسى] كېنىيە يەنىلا پۇلنىڭ كۇرسىنى تۆۋەنلىتىش بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، پۈتۈن كېنىيەنى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى قاپلاۋاتقاندا، بىزنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇھىم سودا ھەمراھىمىز بولغان جۇڭگونىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.
     نۇرغۇن ئىقتىسادىي تەھلىلچىلەر جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىنىڭ دوللار ۋە باشقا پۇللارغا ئايرىۋاشلىنىش كۇرسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان مۇداخىلە سىياسىتى ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.
    جۇڭگولۇقلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلالىشىدىكى سىر دەل مۇشۇنىڭدا. ئۇلار ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بارلىق مەنبەلەردىن تولۇق پايدىلانغان بولۇپ، ئەھۋالدا چاتاق چىقىشتىن ئىلگىرى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا ۋاقتىدا ئارىلاشقان.
    جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى جۇڭگونى ئەيىبلەۋاتىدۇ. لېكىن دىپلوماتىيە بايلىقى مول بولغان جۇڭگو بۇنىڭغا ئاسانلا سەۋەب تاپالايدۇ. چۈنكى، جۇڭگو مۇشۇ سىياسەتكە تايىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
    شۇنىڭدىن كېيىن بۇلتۇر 6-ئايغا كەلگەندە، جۇڭگو يەنە دۇنيانىڭ شۇ چاغدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ 2011-يىلى 8-ئايغىچە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ٪6.1 ئۆستى. باشقا دۆلەتلەر خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بەك ئاستا بولۇپ قالدى، دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئامېرىكا ياكى باشقا سودا ھەمراھلىرىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
     ئۇنداقتا كېنىيە جۇڭگودىن قانداق تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ بىرىنجىدىن، كېنىيە شىللىڭىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم يىراقنى ئويلىشىمىز، بىر-بىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر، يۈزەكى قاراشلار ۋە كارغا كەلمەيدىغان تەدبىرلەرنى توختىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېنىيە دىپلوماتىيە جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىمىسىنى «ئۇنتۇپ كېتىشى» كېرەك.
     ئىككىنچىدىن، كېنىيە سانائەتلىشىش سىياسىتى ئارقىلىق، بىر قاتار ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنى دۆلەت ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كەسىپلەر ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا دائىرىسىدىلا چەكلىشى كېرەك. كېنىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ يولى قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئورۇنباسار ئېنېرگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت.
   يۇقىرىقىلار بىز قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەردۇر. يۇقىرىقى تەدبىرلەر، بولۇپمۇ بانكا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە چېتىلىدىغان تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلغاندا ھەم ياخشى باشقۇرغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا يەنە «رىقابەت قانۇن لايىھەسى» ۋە كەلگۈسىدە ئىستېمالچىلارنى قوغداش قانۇنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ.
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئالما بىلەن سەنشىڭنىڭ پاتىنېت جېڭىدە ئادۋوكاتلار قانچە پۇل تاپتى
ئالما بىلەن سەنش...
ئالما OS X Mountain Lion مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەتە بازارغا سالماقچى
ئالما OS X Mountain Lion ...
2D باش سۈرىتىنى 3D مودېلىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي تېخنىكا بارلىققا كەپتۇ
2D باش سۈرىتىنى 3D ...
2012-يىللىق داڭلىق ماركىلق يانفونلار رەت تەرتىپى
2012-يىللىق داڭلىق...
USB ئېغىزلىق SD كارتىسى 24.99دوللارلىق باھا بىلەن بازارغا سېلىندى.
USB ئېغىزلىق SD كار...
گۈزەل چولپانلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
گۈزەل چولپانلار ...
جاڭ بوجىنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ چىققان فىلىمىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
جاڭ بوجىنىڭ ئەرە...
بېكخامنىڭ يەنە بالىلىق بولۇش پىلانى ۋېكتورىيەنى چۆچۈتۈۋەتتى
بېكخامنىڭ يەنە ب...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچ...
نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئامېرىكا ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللانىڭ ياسىلىش جەريانى
فىنلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شامال كۈچى گېنېراتورى پۈتت...
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركىزى شەھەرنىڭ مال باھاسى...
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ قالايمىق...
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 21 ئۆلكە،شەھەر ئەڭ تۆۋەن مائ...
جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بايلىق يارىتىش مۇساب...
ىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات...
ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
كېنىيە جۇڭگو ئىقتىسادىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كې...
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرۋوت نى...
ياپونىيە ھۆكىمىتى توكيو ئىلېكتىر ئېستانتىسىغا ت...
4-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ CPI ئوخشاش نىسبەتتە %5.3 ئاشقان
نىيۇيورۇكدا ماي باھاسى ئۇدا 5 كۈن چۈشۈپ ھەر بىر تۇ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526