ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو ئۈستىدىن ئەرز قىلدى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> ئىقتىسادى خەۋەرلەر >>
ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
 يوللىغۇچى:ئالىپ  كىلىش مەنبەسى:نۇر تورى  كۆرلىشى:352  
شېنخۇا ئاگېنىتلىقى بېيجىڭ 21- ئۆكتەبىر تېلگېراممىسى   19-ئۆكتەبىر، ئامىركىنىڭ بىر قانچە قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيە ۋە باتارىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ئامىركا سودا مىنىستىرلىقىغا ۋە خەلقئارا سودا كومېتىتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، جۇڭگونىڭ ئامىركىغا چىقارغان قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيسى (تاختىسى) گە قارىتا قارشى تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە قارشى ياردەم بېرىشنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئادىل سودا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى 21- ئۆكتەبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىدۇ ۋە ئامىركا كارخانىلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا ئەپسۇسلىنىدۇ.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: قۇياش ئېنېرگىيىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات ئۆزگۈرۈشى ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى بىر قاتار ماكرولۇق سىياسەتلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن. ئامىركا ئۆز دۆلىتىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،يەنە ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىگە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەمدە مەبلەغ سالدى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى بېكىتىپ چىقتى. ئامىركا پارلامېنتىمۇ بۇنىڭغا قارىتا يېڭى ئېنىرگيە مەنبەسى ۋە كېلىمات قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى. ئامىركىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوق، ئەكسىچە ئامىركا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قۇياش ئېنېرگىيىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كېلىمات ئۆزگۈرۈشى ۋە مۇھىت ناچارلىشىش خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو –ئامىركا ئىككى دۆلەت يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. يىقىندا ئامىركا قۇياش ئېنېرگىيىسى كەسپى جەمئىيىتى مەبلەغ ياردىمى قىلغان بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامىركىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيسى (تاختىسى) ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە خام ماتېريال ئېكىسپورتىنىڭ سوممىسى، ئامىركىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيسى (تاختىسى)نىڭ سوممىسىدىن خېلىلا ئارتۇق بولۇپ، 1مىليارد 880مىليون دوللار سودا ئوڭ پەرقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەگەر جۇڭگونىڭ قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيسى (تاختىسى) مەھسۇلاتلىرى ئامىركىنىڭ قوللانغان باج ئېلىش تەدبىرى سەۋەبىدىن ئامىركىغا داۋاملىق ئېكىسپورت قىلىنمىسا، شەك-شۈبھىسىزكى ئامىركىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە خام ماتېرياللىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكىسپورتىغا زور تەسىر يېتىدۇ. نەتىجىدە، ھەر ئىككىلا تەرەپ زىيان تارتىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتىگە بىردەك پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەگەر ئامىركا ھۆكۈمىتى ئەنزە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرسە ھەم باج يىغىش تەدبىرى قوللانسا سىرتقى دۇنياغا سودا قورۇقچىلىقىنىڭ خاتا سېگنالىنى چالغان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلشىگە قارا سايە پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ قۇياش ئېنىرگېيىلىك باتارىيسى (تاختىسى) مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا سودا قورۇقچىلىقى تەدبىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، بىرلىكتە ئەركىن،ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل بولغان خەلقئارا سودا مۇھىتىنى قوغداپ، سودا سۈركىلىشىنى تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئالما بىلەن سەنشىڭنىڭ پاتىنېت جېڭىدە ئادۋوكاتلار قانچە پۇل تاپتى
ئالما بىلەن سەنش...
ئالما OS X Mountain Lion مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەتە بازارغا سالماقچى
ئالما OS X Mountain Lion ...
2D باش سۈرىتىنى 3D مودېلىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي تېخنىكا بارلىققا كەپتۇ
2D باش سۈرىتىنى 3D ...
2012-يىللىق داڭلىق ماركىلق يانفونلار رەت تەرتىپى
2012-يىللىق داڭلىق...
USB ئېغىزلىق SD كارتىسى 24.99دوللارلىق باھا بىلەن بازارغا سېلىندى.
USB ئېغىزلىق SD كار...
گۈزەل چولپانلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
گۈزەل چولپانلار ...
جاڭ بوجىنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ چىققان فىلىمىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
جاڭ بوجىنىڭ ئەرە...
بېكخامنىڭ يەنە بالىلىق بولۇش پىلانى ۋېكتورىيەنى چۆچۈتۈۋەتتى
بېكخامنىڭ يەنە ب...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچ...
نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئامېرىكا ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللانىڭ ياسىلىش جەريانى
فىنلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شامال كۈچى گېنېراتورى پۈتت...
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركىزى شەھەرنىڭ مال باھاسى...
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ قالايمىق...
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 21 ئۆلكە،شەھەر ئەڭ تۆۋەن مائ...
جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بايلىق يارىتىش مۇساب...
ىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات...
ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
كېنىيە جۇڭگو ئىقتىسادىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كې...
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرۋوت نى...
ياپونىيە ھۆكىمىتى توكيو ئىلېكتىر ئېستانتىسىغا ت...
4-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ CPI ئوخشاش نىسبەتتە %5.3 ئاشقان
نىيۇيورۇكدا ماي باھاسى ئۇدا 5 كۈن چۈشۈپ ھەر بىر تۇ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526