
ئاۋسترالىيەدىكى پېرز پۇل قۇيۇش زاۋۇتىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللا قۇيۇلدى، بۇ تىللانىڭ دىئامېتىرى 80 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ. بۇ تىللا «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللا» رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قىممەتلىك تىللا بولۇپ قالغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پېرز پۇل قۇيۇش زاۋۇتى قۇيغان ئېغىرلىقى 10 كىلوگرام كېلىدىغان تىللا 2007- يىلىغىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللا ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كانادا خان جەمەتى پۇل قۇيۇش زاۋۇتى قۇيغان 100 كىلوگراملىق تىللا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ھازىر ئاۋسترالىيە پېرز پۇل قۇيۇش زاۋۇتى ئاخىرى چوڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، كانادانى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈككە ئايلاندى.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ زور تىللانىڭ پۇل قىممىتى بىر مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر بۇ تىللانى ياساشقا كەتكەن تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، بۇنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالتۇننىڭ قىممىتىلا 55 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.













