3- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 29 – ئايلانمىسىدا، خان مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ۋىللىيىلىئىر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلېشىپ 1 دە 1 تەڭلىشىپ قالغاننى ئاز دەپ، مەشقاۋۇل ۋە تەنھەرىكەتچى بولۇپ جەمئىي 5 ئادىمى قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن قوغلانغانىدى.23-چېسىلا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى پې پې، راموس، مۇرىنىئو قاتارلىقلارغا بولغان ئەڭ ئاخىرىقى جازانى ئېلان قىلدى.

پې پې رېپىرىنى ھاقارەتلىگەچكە 2 مەيدان، مۇئاۋىن مەشقاۋۇل فارىيا 2 مەيدان، ئۆزىل 1 مەيدان، مۇرىنىئو 1 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشماسلىق جازاسىغا ئۇچرىدى. راموسنىڭ مەزكۇر مەيدان مۇسابىقىدىكى 2 سېرىق كارتىسىنىڭ بىر ئېلىۋىتىلىپ، قىزىل كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى