
جوڭگۇ بىرلەشمىسى تەييارلىق كوماندىلار مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى
29-ئايلانما ساھپخان گۇڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىلەن خاڭجۇ يىشىل شەھەر
كوماندىسى ئوتتۇردا ئېلىپ بېرىلدى ،
بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانمىز بارى كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلدى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە دۆلەت 22ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى
يەنى بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانمىز بارى 15مىنۇتتىلا ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ
كوماندىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى ،ئۇرغاندىمۇ ناھايىتى چىرايلىق كاللا توپتىن
بىرنى ئۇردى ،كېيىنكى مەيداندا خېڭدا تەرەپ سەرخىل ئادەملىرىنى
ئالماشتۇرۇپ ،كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا
نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىدى!
