2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا
قىتئەسىدىكى 20 كۈچلۇك دۆلەت كوماندىسىنى تاللاش
مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانما،10-مەيدان مۇسابىقىسى بۈگۈن كەچ دەۋخەھ ۋاقتى
سائەت 17 دىن 15 مىنوت (شىنجاڭ ۋاقتى 20 دىن 15 مىنوت)ئۆتكەندە
باشلىنىدۇ،كاماچاۋنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو ئەرلەر دۆلەت كوماندىسى
دەۋخەھدىكى ئالئارابى توپ مەيدانىدا ئېراق كوماندىسى بىلەن
تۇتىشىدۇ.ھازىرقى ئەھۋال ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ،جۇڭگو كوماندىسى ئېراق
كوماندىسىنى يەڭگەندىلا ئاندىن ئالدىنقى 20 كۈچلۇك كوماندا تىزىملىكىگە
كىرىشىنىڭ كىچىككىنە ئۈمۈدىنى ساقلاپ قالالايدۇ.ھەقىقەتەن مۆجىزە يۇز
بېرەرمۇ؟
ھايات-ماماتلىق كۆرىشى خاتىرسى
جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى 7يىل ئىچىدىكى رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئىراق كوماندىسىنى يېڭىپ باقمىغان
2004-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۇنى 4/1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە:
جۇڭگو 0:3 ئىراق
2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۇنى ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىدە:
جۇڭگو 2:1 ئىراق
2006-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۇنى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىدە:
جۇڭگو 1:1 ئىراق
2008 -يىل 2-ئاينىڭ 6-كۇنى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىدە:
ئىراق 1:1 جۇڭگو
2008-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۇنى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىدە:
جۇڭگو 2:1 ئىراق
2011-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۇنى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىدە:
جۇڭگو 1:0 ئىراق
1976 يىلدىن بۇيانقى 35 يىل جەريانىدا،جۇڭگو كوماندىسى
بىلەن ئىراق كوماندىسى جەمئىي 13 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، جۇڭگو
كوماندىسى 5قېتىم ئۇتۇپ،2 قېتىم تەڭلىشىپ،6 قېتىم ئۇتتۇرۇۋەتكەن.يېقىنقى 10
يىل ئىچىدە،ئىككى تەرەپنىڭ 6تە قېتىملىق رەسمىي مۇسابىقىدە، جۇڭگو
كوماندىسى 1 قېتىم ئۇتۇش،2 قىتىم تەڭلىشىش،3 قېتىم ئۇتتۇرۇۋەتكەن
بولۇپ،نەتىجىسى بارغانسېرى ناچارلىغان،بىردىن-بىر غەلبە قىلغان مۇسابىقىسى
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ بەدەن قىزىتىش
مۇسابىقىسى بولغان،بۇرۇن گاۋ خوڭپو باشلامچىلىقىدىكى دۆلەت كوماندىسى2:3
نەتىجە بىلەن ئىراق كوماندىسىنى غەلبە قىلغان ۋاقىتلارمۇ بولغان.
ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش-دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى
دەۋخەھ ۋاقتى تۇنۇگۈن كەچ دۆلەت كوماندىسى
ئالئارابى توپ مەيدانىدا،جۇڭگو-ئىراق ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش ئالدىدىكى ئەڭ
ئاخىرقى مەشىق ئىلىپ باردى،بۇ قېتىمقى مەشىق دەرسىدە،كوماندىنىڭ دەسلەپكى
سەپ شەكلى بېكىتىلگەن بولۇپ، باشقا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا خىڭدا
كوماندىسىنىڭ 4 سەركىسى ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا چۇشىدىغان بولدى.
ئوڭ-سول ئارقا مۇداپىئەدە لىيۇجىيەن يى ۋە سۇن شىياڭ
ئوينايدىغان،ئادەمنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان ئوتتۇرا ئارقا مۇداپىئەدە جاۋ
پىڭ قاتارلىق ئۈچ ئادەم تۇرىدىغان بولدى.
كاماچاۋ ھازىرچە ئوتتۇرا ھۇجۇمدا لىيۇجىيەن ۋە
جاۋشۇنى تۇرغۇزىدىغان بولدى،گەرچە بۇ ئىككىسى ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە
ھەمكارلىشىپ توپ ئويناپ باققان بولسىمۇ،ئەمما ئىككىسىنىڭ ماسلىشىشى ئۇنچە
ياخشى ئەمەس،كورىيەدىن قايتىپ كەلگەن خۇاڭبوۋىن ھەر ۋاقىت مەيدانغا چىقىشقا
تەييار تۇرىدىكەن.ئوڭ-سول ئالدى ھۇجۇمدا خاۋجۇنمىن ۋە يۇخەن چاۋ
تۇرىدسىكەن،فىڭرىنلىياڭ ھازىر تېخى تولۇق ساقىيىپ بولالمىغاچقا،يۇخەنچاۋ
سول تەرەپتە ھۇجۇم ئوينايدىغان ،گاۋجۇنمىن ئوڭ تەرەپتە،ئاساسلىق ھۇجۇم
قىلىدىغان تەرەپتە ئوينايدىغان بولدى.
ئالدى ھۇجۇمداغا خەنپېڭ قوشۇلغان بولسىمۇ،ئەمما
دەسلەپتە مەيدانغا چىقىدىغىنى يەنىلا گاۋلىن ئىكەن،گاۋلىن دەۋخەھغا كەلگەن
ئۈچ كۇندىن بۇيان،مەشىق ۋاقتىدا ئىزچىل ياخشى ھالەتنى ساقلاپ
كەلگەن،كاماچاۋ بۈگۈن كەچ يەككە ئالدى ھۇجۇمچى چىقىرىش ئۇسۇلىدا مۇسابىقىنى
باشلاپ،ياخشى ئوينىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا،خەنچېڭنى ئالدى ھۇجۇمغا
چىقىرىپ،قوش ھۇجۇم ئۇسۇلىدا ئوينىتىدىكەن.ئەگەر مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى
ۋاقىتلىرىدىمۇ يەنىلا يېڭەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۇلسە،كاماچاۋ خەتەرگە
تەۋەككۈل قىلىپ،ئەڭ ئاخىرقى3-4-3 ‹‹جاننى تىكىش›› سەپ شەكلىنى
قوللىنىدىكەن.