
1994-1995-مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ
بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە، راۋانېللى ئۆزنىڭ قالتىس تالانتىنى
نامايەن قىلغان ئىدى، «ئاق چاچلىق بۇۋاي»نىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن يۇۋېنتوس
دەرىجە ئۆرلىگەن ئىدى. سوفىيا CSKA كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى مەيدان
مۇسابىقىدە مۆجىزىلەرچە 5 توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، يۇۋېنتوسنىڭ بۇ
ھۇجۇمچىسى مارىتىمو بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر
قېتىم نامايەندە قىلدى.
سالاھىيەت مۇسابىقە باسقۇچىدىكى ئىككى كونتور مۇسابىقىدە،
راۋانېللى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلىغا ئايلاندى. بۇ
پورتوگالىيىلىكنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن يۇۋېنتوس 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبە
قىلغاندىن كېيىن، يۇۋېنتوسنىڭ بۇ ھۇجۇمچىسى كېيىنكى كونتوردا ئىككى توپ
ئۇردى: ئەينى يىلى 2-نويابىردىكى مۇسابىقىدە يۇۋېنتوس 2-1 نەتىجە بىلەن
غەلبە قىلىپ مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى. تاغىل ئات قوشۇنى ياۋروپا
بىرلەشمىسى لوڭقىسىدا تەلىيىگە قارشى پارما كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ،
داۋاملىق ئىلگىرلىيەلمەي، مۇسابىقە مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر
بولۇپ قالغاندا، بۇ «ئاق چاچلىق بۇۋاي»نىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن
ئومۇمىي توپىنىڭ سانى جەمئىي 9 بولغان ئىدى.