
5-نويابىر ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر يېرىم يىلغا
يېقىن ۋاقىت دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلمەي ئەمدىلا پۇرسەت كېلىپ بىرازىلىيە
دۆلەت كوماندىسىى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان كاكا ئامالسىز دۆلەت كوماندىسىغا
قايتىش ۋاقىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. خان جەمەتى مادرېدنىڭ باش
ترېنېرى مورىنىئو تۈنۈگۈن كاكانىڭ يارىلانغانلىق سەۋەبىدىن بۇ ھەپتىدىكى
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە شۇنداقلا كېلەر ھەپتىدىكى دۆلەت
كوماندىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرازىلىيە كوماندىسى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە كېلەر ھەپتىدە ئىككى
مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، يەنى ئايرىم-ئايرىم گابۇن ۋە
مىسىر كوماندىلىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. بۇ كاكانىڭ 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا
دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم دۆلەت
كوماندىسىغا قايتىشى ئىدى، بىراق ئۇنىڭ تەلىيى كاج كېلىپ، يارىلىنىش
سەۋەبىدىن داۋاملىق ئىسپانىيىدە قېلىشقا مەجبۇر بولدى. مورىنىئو
مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ
:«كاكا ئەتىكى ئوساسۇنا بىلەن بولغان ئسىپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە
قاتنىشالمايدۇ، بىرازىلىيىگە قايتىش پىلانىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ۋاقىت
ئىنتايىن قىسقا بولۇپ قالدى، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ يارىسى
ئەسلىگە كېلىپ بولالمايدۇ» دېدى.
بۇ ھەپتىدىكى ليئون بىلەن بولغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى
بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كاكا كىچىك پاقالچاق مۇسكۇلى يارىلانغانلىقتىن
مەيدانغا چۈشەلمەي قالدى، كاكانىڭ يارا ئەھۋالىغا نىسبەتەن مورىنىئو يەنىلا
ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەن:«بۇ قېتىملىق يارىسى بىلەن كونا يارىسىنىڭ
ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت ئادەتتىكى يارىلىنىش بولۇپ، تەخمىنەن
ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئارام ئالسا، ياخشىلىنىپ كېتىدۇ». ئالدىنقى مۇسابىقە
پەسلىدە كاكا يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئاز بولغان
ئىدى، ئەمدىلا ساقىيىپ ئىپادىسى قالتىس ياخشى بولىۋاتقان كاكا، تەدرىجىي
ئۆزىنىڭ مادرېدتىكى ئاساسلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋاتىدۇ.