ئامېرىكا
ۋاقتې ئالدىنقى يەكشەنبە كەچ سائەت 9دا( يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 21-چىسلا سائەت
10دا )ئامېرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىللىق ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىسى(MLS CUP) لوس ئانژېلېستا
ئۆتكۈزۈلدى.غەربى رايۇننىڭ چېمپىئونلۇقىغا ئېرىشكەن بىكھام تۇرۇشلۇق لوس
ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسى ساھىبخان ھېسابىدا شەرقى رايۇننىڭ چېمپىئون
كوماندىسى خوۋستۇن دىنامو كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.ئەڭ ئاخىرىدا لوس ئانژېلېس
سامانيولى كوماندىسى كوماندا باشلىقى دونوۋاننىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ
1:0نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ ئۇمۇمىي چىمپىئونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.بۇ
مەيدان مۇسابىقىگە بىكھام ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىلغان
بۇلۇپ مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كوماندىغا ياردەم
بەردى.شۇنىڭ بىلەن بىكھامنىڭ ئامېرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كەسپى
ھاياتىدا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ دىگەن سۆز-چۆچەكلەرگە خاتىمە
بىرىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋە كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى توختامنىڭ ۋاقتى تۇشاي
دەپ قالغان بۇلۇپ بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابىقە بىكھامنىڭ لوس ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئامېرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىدە
ئوينىغان پەردە يېپىلىش مۇسابىقىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.بىكھام سامانيولى
كوماندىسىغا قۇشۇلغاندىن باشلاپ ئۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتقىلى بەش يىل بولغان
بۇلۇپ ئۆزى كوماندىدىن ئايرىلىشى پەيىتلىرىدە ئۇ كوماندا بىلەن
بىرلەشمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقىش پۇرسىتىگە
ئىرىشتى.بەلكىم بۇمۇ بىكھامنىڭ پۈتكۈل كەسپى ھاياتىغا مەمنۇن بۇلارلىق
چېكىتنىڭ قۇيۇلىشىغا تۈرتكە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ،قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بۇ
يىل 36ياشتا ئەمەسمۇ!




