
خەلىقئارا مىلان يوۋېنتىس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋەتكەن ۋاقىتتا بەلكى
ئىتتونى ئەسلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، بىراق روسىيەدە توپ تېپىۋاتقان
ئىتتو ئۆزى بۇرۇن شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن خەلىقئارا مىلاننى
سېغىنماسلىقى مۇمكىن.
كامېرون ھوجۇمچىسى ئىتتو بۇ يىل يازدا خەلىقئارا مىلان كوماندىسىدىن
ئايرىلىپ روسىيە پۇتبول كۇلۇبى ماخاچكالا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، ھازىر
بۇرۇنقى خەلىقئارا مىلان ھوجۇمچىسى ئىتتو يەنە بىر قېتىم
ئۆكۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
ئىتتو بۇ يىل يازدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ روسىيىگە يۆتكىلىشنى
قارار قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇ
يېقىندا بۇ تالاش-تارتىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ روسىيىدىكى
يېڭى كوماندىدا ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىتتو 2009-يىلى بارسېلونا كوماندىسىدىن خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا
يۆتكەلگەن، ئۇ خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۈچۈن 102 مەيدان مۇسابىقىگە
قاتناشقان ، جەمئىي 53 توپ كىرگۈزۈپ، خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ ئالتە
قېتىم چېمپىيون بولۇشىغا ياردەم قىلغان، ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى،
ئىتالىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى
مۇسابىقىسى ۋە خەلقئارا كۇلۇبلار مۇسابىقىسى، شۇنداقلا ئىككى قېتىملىق
ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ
چېمپىيونلۇقىنى قولغان كەلتۈرگەن.