-
2010-12-19
ما جۇڭيىڭ، يولۋاسقا مەجبۇرىي ئەسكەر بولغان چاغلىرىم - [ئۇيغۇر تارىخى]
ئەجدادىمنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى بولۇپ، قۇمۇلدىكى تۇنجى بوۋام ئىسلام ئاخۇن 1677- يىلى 2 - ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇننى ئېلىپ يەكەندىن قۇمۇلغا كېلىپ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ)1697 - يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان( ئوردىسىدا ئاخۇنلۇق قىلغان، ئىسلام ئاخۇن بوۋىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇن ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. بىز 7 ئوغۇل، 4 قىز بولۇپ، 11 بالا ئىدۇق. 1931 - يىلى 3 - ئايدا قۇمۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ - كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابى پارتلىدى. بۇ چاغدا مەن مەكتەپتە( موللىدا) ئوقۇۋاتاتتىم. دېھقانلار ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەن خەلق قۇمۇل تاغلىرىغا، ياقا يۇرتلارغا قېچىشقا باشلىدى. بىزمۇ ئاراتامغا قېچىپ چىقتۇق.
共1页 1