-
تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى.
-
2010-09-17
"تىيانشان" دىگەن نام ھەققىدە
تىيانشان"دېگەن نام تۈركىي تىللارغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن.بۇ نام خەنزۇ تىلىدا بولسا قەدىمكى تۈركىي تىللاردىكى"تەڭرى"دېگەن سۆزنى ئەسلىى تەلەپپۇزى بويىچە قوللىنىش ياكى مەنىسىنى تەرجىمە قىلىپ قوللىنىش يولى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.تىيانشاننىڭ ئەسلىدىكى نامى"تەڭرىتاغ"ئىدى.بۇنىڭ ئىسپاتلىنىشى تۆۋەندىكچە:
تەڭرىتاغنىڭ قەدىمكى نامى مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢئەسىردىن مىلادىⅨⅩئەسىرگىچە بولغان2000 يىللىق ئۇزۇن تارىخىي دەۋر جەريانىدىكى خەنزۇچە تارىخىي كىتابلار ۋە يازما خاتىرىلەردە ئۇچىرايدۇ.