كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-03-25

    «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كەچۈرمىشلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

                                           (   يولۋاس مۇھەممەتئىمىن   )                         
    تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىى خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نىمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلا ئارقا- ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
        تۆۋەندە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك شاھنامە مىراس «تۈركىي تىلار دىۋانى» ۋە «قۇتاتغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگەندە قەدەر بولغان توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش، كۆچۈرۈلۈش، تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى- توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.

            
    ئىنسىكلوپىدىيلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»

        ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى 11
    - ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىدىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى. بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر، تىرىشچان، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇ قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قرانلىق مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 1058- يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا- يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.
        مۇھەممەت بىننى ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قارا خانىلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە» لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇلۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. 40 ياشقا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.
       
    مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074- يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن) . ئەسەر مىلادىيە 1074- يىل 2- ئايدا يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇ بەكىر ئىبىن ئەبىلپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجىرىيە 464- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27- كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ھىجىرىيە 464- يىلىدىن 466- يىلىغىچە (مىلادى 1074- 1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ، ھىجىرىيە 467- يىلى (مىلادىيە 1075- يىلى) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27- خەلىپىسى، ھاشىمىيلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بى ئەمرۇللا ھەزىرەتكە تەقدىم قىلىدۇ.
       
    ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ- ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ، ھىجىرىيە 472- يىلى (مىلادىيە 1080- يىلى) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ، «ھەزىرىتى موللام» (بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەرىسلىك قىلىدۇ. سەككىز يىل مۇدەرىسلىك قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1105- يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ.
       
    مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى. شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسىمى كىشلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرنىڭ قان- تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ ئەرەب زىمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ. ئەمما، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، بۇ ئېسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى. ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈبخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.
    تارىخ چاقى مىلادىيە 1200- يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ- نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، پادىشاھقا ئېيتىدىغان قانداق ئەرز- دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئەرز- دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ. بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟ تىلەمچىنىڭ تەقى- تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىدىكى بوخچىنى ئاۋايلاپ يېشىپ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34- ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225- يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.
       
    خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225- 1180) بۇ كىتابنىڭ بىباھا، تېپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈبخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ. ئەپسۇس، خىرىستىئان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇن) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زىمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز- دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.
       
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈبخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە- تاۋابئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈبخانىغا كېلىپ (ھىجىرىيە 1335- يىلى، مىلادىيە 1914- يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917- يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، ۋېنگر تىللاردا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. گېرمانىيىلىك «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل.برىككىلىمان 1928- يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
        ئەمەليەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش ⅩⅩ
    - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىندۇ. تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس بېسىم ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبول مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941- يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل (فوتو سۈرەت نۇسخىسى) نۇسخىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرىدۇ.
         1960- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. 1955- يىلى قەشقەردە ئاكا- ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس.
       
    1963- 1966- يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن، ئەمما سولچىل خاتا ئىدىينىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن.
    1980- يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس، مۇتەخەسىس، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ، ئىنىسىكلوپىدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنيەت، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدىلھىمىت ھاجى يۈسۈفى، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى، مەدەنيەت- تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 1941- يىلى بېسىم ئاتالاي تەرپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتو سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرىگە تەييارلىنىپ، 1981- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ھەممە قىسىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەرەپ بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ كىتاب 2002- يىلى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
       
    «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنيەت، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، دىن، توپونومىيە- يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر- قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال- تەمسىلنى ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونىتىكىلىق، گرامماتىكىلىق قانۇنيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
        مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر