بالىڭىزغا كەمپۈتنى كۆپ يېگۈزمەڭ
بالىنىڭ مىجەزىنىڭ ئوسال بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگىتىپ قويۇشى ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن سىرت يەنە ئادەتتە كەمپۈت ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى يۇقىرى قەنت ھەزىم بولۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن B1 گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بەدەندە ۋىتامىن B1 نىڭ كەم بولۇشى پىرۇۋىك كىسلاتا ۋە سۈت كىسلاتاسىنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، بالىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقى، ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىر قىسىم بالىلار گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، كۆكتاتنى ئاز يەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالمۇ بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېڭە نېرۋىسىدىكى كالتىسىينىڭ تولۇق بولۇشى بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، شۇڭا كالتىسىي ياكى ۋىتامىن كەملىكمۇ بالىلاردىكى كەيپىيات تۇراقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.