ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى:«كالا سۈتى بىلەن مېۋە شەربىتى ئىنتايىن پايدىلىق ئىچىملىكلەر. گەرچە بۇ ئىككى خىل ئىچىملىكنى بىرلەشتۈرۈش ئاقسىلدا سۈپەت ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن بەلگىكىك دەرىجىدى سۈپەت ئۆزگىرىشى قىلغان ئاقسىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئاجىزلايدۇ-دە، ھەزىم قىلىنىش ۋە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكىشى بىلەن ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى مېۋە شەربىتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئورگانىك كىسلاتا، شۇڭا ئۇ سۈتتىكى كالتسىي بىلەن بىرىكىپ ئاسان ئېرىمەيدىغان بىرىكمە پەيدا قىلمايدۇ؛ ئەمما بەزى مېۋە شەربىتىدىكى چۆپ كىسلاتا بىلەن تاننىك كىسلاتاسى بىرىكىپ ئاسان ئېرىمەيدىغان بىرىكمە، ھەتتا تاش پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا بۇ خىل مېۋىلەردىن شەربەت چىقىرىلمايدۇ».