ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئوزۇقشۇناس ليۇيۈن يېقىندا مۇنداق دېدى:«ھازىر بازاردا ھەرخىل ماركىلىق قوناق ئۇنى پەيدا بولىدۇ، بىراق ئۇلارنى قارا ئاشلىق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى سودىگەرلەر قوناق ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋە پەشتاختىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، قوناق تۆرەلمىسىنى ئايرىۋېتىپ، ئۇنىڭدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ چىرىشنى پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىراق دەل مۇشۇ ئىككىلەمچى ياغ كىسلاتاسى بەدەن ئەڭ ئېھتىياجلىق تەركىب».