ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 52   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 01-01-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

ئالىملار ئادەملەرنىڭ دائىم ياش تۇرۇش ئارزۇسىغا ياردەم بېرەلەيدىغان بولدى . ئالبېرت ئېينىشتىيىن مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ئالىملىرى قېرىشقا قارشى تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدىغان ۋاكسىنا ھەققىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزدىنىپ كەلگەنىدى. بۇ ئىنستىتۇتتىن ئېلىنغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا ئىنىستىتۇت قېرىشنى كىچىكتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە يېڭى ۋاكسىنىنى ئىنسانلار تېنىدە سىناق قىلىشنى باشلىغان .ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ۋاكسىنا يالغۇز ئۆمۈرنى ئۇزارتىپلا  قالماي يەنە تەن ساقلىقى ۋە ئەقلى قابىلىيەتنىڭ يىللار ئۆتۈشى بىلەن چېكىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ ھايات سۈپىتىنى ياخشى ھالەتتە ساقلايدىكەن .
«مىتوفورمىن» ناملىق بۇ ۋاكسىنىنىڭ يەنە دورا ئۈنۈمىمۇ بولۇپ ئۇنى تۈرلۈك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ۋە   ئىككىنچى تىپتىكى دىيابېت ئاغرىقلىرىغا بېرىشكە بولىدىكەن . 
تەتقىقاتچىلار يەنە ھاياتتىن خۇشاللىق تېپىپ ياشاش ۋە ئۇششاق ئىشلارغا چېچىلىپ بىئارام بولماسلىق قاتارلىق ياخشى روھى ھالەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە  مەزكۇر  ۋاكسىنىغا ئوخشاش ئۆمۈر ئۇزارتىش رولىغا ئىگە دەپ قارىغان. چۈنكى ئالىملار ئۈمىدۋارلىق ۋە دىل ئاراملىقىنىڭ كىشىلەرنى دائىم ئەجەللىك ۋە قورقۇنۇچلۇق كېسەللەردىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىدىكەن. 
مەنبە :ئەرقال خەۋەر كەپتىرى
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم