ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
شەقىقىنىڭ «دۈشمەن» ى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

شەقىقىنىڭ «دۈشمەن» ى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 55   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 شەقىقىنىڭ «دۈشمەن» ى

 

يېقىندا شىۋېتسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) نىڭ ئەڭ ئەشەددىي ‹دۈشمەن› ى يۈگۈرۈش، چۈنكى يۈگۈرۈش نېرۋا سىستېمىسىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ. ئەگەر شەقىقە بولۇپ قالغان ئادەم ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 40 مىنۇتتىن چېنىقسا، بولۇپمۇ يۈگۈرۈپ بەرسە، ئۇنداقتا ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ».
 
ئامېرىكىلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن چىقارغان يەكۈندە مۇنداق مەزمۇن بار: «بىز داۋالىغان، ئەمما دورىمۇ پايدا قىلمىغان 16 ئاغرىق ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە ئاستا يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاخىر شەقىقە كېسىلىنى بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە دورا قۇتىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئازاد بولدى».
 
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم