ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
يۇمغاقسۈت ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

يۇمغاقسۈت ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 59   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 01-01-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

يۇمغاقسۈت ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

 

 يۇمغاقسۈت ھەممىزگە تونۇش كۆكتات، ئۇ تاماقنى تەملىك قىلىپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ. بىرازىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «يۇمغاقسۈتتە بار كەرەپشە پېگمېنتى مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭى ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى، شۇنداقلا مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بىز كەرەپشە پېگمېنتىنىڭ ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، كەرەپشە پېگمېنتىنىڭ غول ھۈجەيرىنى 25 كۈندە نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، بۇ يېڭى پەيدا بولغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدا ئالاقە تېخىمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچەيگەنلىكىنىڭ بېشارىتى؛ كەرەپشە پېگمېنتى يۇمغاقسۈت، كەرەپشە ۋە قىزىلمۇچتا كۆپ، شۇڭا بۇ خىل كۆكتاتلار نېرۋا ئاجىزلاش، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك ۋە پاركىنسون كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىپ، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ».
تەرجىمان: مەردان ئەركىن

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم