ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
سالامەتلىككە زىيانلىق خىمىيەلىك ئېلېمېنت ـــ قوغۇشۇن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

سالامەتلىككە زىيانلىق خىمىيەلىك ئېلېمېنت ـــ قوغۇشۇن

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 51   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

سالامەتلىككە زىيانلىق خىمىيەلىك ئېلېمېنت ـــ قوغۇشۇن

 قوغۇشۇن بۇلغاشچانلىقى كۈچلۈك ئېغىر مېتال بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى پارچىلىيالايدۇ، قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا كېڭىيەلەيدۇ ھەمدە قول تىترەش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا قوغۇشۇن مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۇزاق مەزگىل قوغۇشۇندىن ياسالغان تۇرۇبا سۈيى بىلەن ئۇچراشقاندا، يېمەكلىك ۋە سۇدىكى قوغۇشۇن مىقدارى يۇقىرىلاپ، ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، بىلىپ – بىلمەيلا قوغۇشۇننىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، چىرايى ئاقىرىپ كېتىش، باش قېيىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا قان ئازلىق كېسىلى، نېرۋا كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، يۈرەك قان تومۈر كېسىلى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسىلى قاتارلىقلار گەۋدىلىنىدۇ. بالىلاردا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش تۈپەيلىدىن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ قېنىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى ھەر لىتىردا 100 مىكرو گىرامدىن ئېشىپ كەتسە، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ – دە، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن باشقا، نېرۋا، يۈرەك ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىلىرىغىمۇ زىيان سالىدۇ.
    قوغۇشۇن ئادەتتە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرى، سىر، بېنزىن ۋە ھەر خىل كونسېرۋالىق يېمەكلىك تەركىبىدە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىستېمال ئادەتلىرىمىزدە قوغۇشۇننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوغۇشۇندىن ياسالغان ياكى قوغۇشۇن تەركىبلىك يېمەكلىك ۋە بۇيۇملارنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/28/content_483643.htm

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم