داموللامنىڭ ئىككى يىغىنغا سۇنغان تەكلىپى
2014 - يىلى 3-ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچتە ، مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسسىنىڭ «جۇڭگوغا نەزەر »پىروگراممىسىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى،
خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بىرقانچە مەسچىتنىڭ خاتىپى ئابلىمىت ئەخمەت توختى داموللا ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان ئىككى يىغىن ھەققىدىكى زىيارەت ئېلىپ بېرىلدى .
سىياسى مەسلىھەت كىڭىشى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومتىتى 2 - يىغىنى9- مارت چۈشتىن كىيىن خەلىق سارىيىدا 4 - قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ ، 10 - مارت چۈشتىن بۇرۇن گۇررۇپپىلار مۇزاكىرسىدە ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بىرقانچە مەسچىتنىڭ خاتىپى ئابلىمىت ئەخمەت توختى داموللا ھاجىم زۇڭلى لى كېچىياڭغا بىر قانچە تەكلىپ بەرگەن بولۇپ ، ئاساسلىق ئازسانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، مىللىيچە ئەنئەنە گەۋدىلەنگەن كىيىم ۋە باش كىيىم شۇنداقلا مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇش شارائىتىنىڭ يارىتىلىپ بېرىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولۇپ ، ئاساسلىق مەزمۇنىنى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئاڭلاڭ .
ئاۋاز ھۆججىتىمۇ تېمىغا قىستۇرۇلدى . نورمال ئاڭلىيالىغانلار مۇشۇ تېمىدىنلا ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ .
قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلاڭ:
ئاڭلاش
فىلىم ھۆججىتىنى كۆرۈش ئورنى:
كۆرۈش