چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1464 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 2

جىرىڭلار قۇياشنىڭ قوڭغۇراقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جىرىڭلار قۇياشنىڭ قوڭغۇراقلىرى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

ئانا سېنى كەتتىم سېغىنىپ

ئانا سېنى كەتتىم سېغىنىپ
غىرىبلىق تور تارتقان شەھەردە.

خىيالىمدا كۆرىمەن سېنى،
بارسەن ئىشىك تۈۋىدە گويا.
يۆتىلىسەن ئۇزاق ئاھ، ئۇزاق
كۆز ياشلىرىڭ تۇرار تامچىلاپ.
پەنجىرىدىن قارايسەن گاھى
دەردمەن ئوغلۇم ئۇخلىدىمۇ دەپ،
چىقسام ھىچكىم يوقتۇر تالادا
ئاھ سەن يىراق، يىراق سەھرادا.

بۇ يەردە بار نۇرغۇن ئانىلار
ئاتىشىدۇ «بالام» دەپ مېنى
ھىچقايسىسى سەن ئەمەس لىكىن.
پەرىشتىدەك قاناتلىرىڭ بار،
ھەر كېچىسى كېلىسەن ئۇچۇپ
چۈشلىرىمگە تاغلىق كەنىتتىن...
ئويغانساملا بولىمىز جۇدا
ئاھ سەن يىراق، يىراق سەھرادا.

كەلگەنمىدۇ تۈلكىلەر يەنە،
تۇرغانمىدۇ قويلىرىڭ ئامان؟
بار ئىدى ئاز، ئازلا بۇغدىيىڭ،
قىشتىن قانداق چىقارسەن، ئۇنى
كەتكەن بولسا ئوغرىلاپ چاشقان؟!

بۇندا قىشنىڭ ئەلپازى يوچۇن،
بىر تۈندىلا كەتتى قار قاپلاپ
بىنالارنى ھەمدە يوللارنى.
چىقىش مۈمكىن ئەمەس تالاغا،
يات بىر سوغۇق كېزەر شەھەرنى
مېنىڭ مىسكىن قەلبىمگە قەدەر.

ياتىقىمدا ئۈنسىز، بىناۋا
ئولتۇرىمەن خىيالغا پېتىپ؛
جېنىم ئانا قىلغانسەن قانداق
قوشتاغدىمۇ ياغقان بولسا قار؟
بار ئىدى بىر، بىرلا پوپايكاڭ
بار ئىدى بىر، بىرلا چاپىنىڭ
كونا ئىدى، نىپىز ھەم ئۇلار...
قىش بولاتتى بىزنىڭ ئۆيدە بەك،
قار ياغاتتى بىزنىڭ ئۆيگىمۇ
كىمدۇ ئېچىپ قويغان تۈڭلۈكتىن.
دەيىتتىم غەمكىن تۇرقۇڭغا قاراپ؛
ئۈمىدۋار بول، ھامان بىر كۈنى
قۇتقۇزىمەن سېنى بۇ قىشتىن...
لىكىن ئانا
كەچۈرگىن مېنى
توقۇمىچى بولساممۇ بۇندا
بېرەلمىدىم بېرەر پوپايكا
توقۇپ ساڭا،  ساڭىلا ئاتاپ.
سېغىنىپ مەن خىجىللىق ئىچرە
پەقەت مۇڭلۇق قەسىدەم بىلەن
مىسكىن قەلبىم، كۆز يېشىم بىلەن
ئۆتتۈم ھامان، ئۆتتۈم ئاھ، ھامان
يىراقلاردىن سېنى قۇچاقلاپ.

كەچۈر ئانا
سەنمۇ مېنى كەتتىڭ سېغىنىپ،
تۇردۇڭ ماڭا ئۈمىدلەر باغلاپ.
لىكىن مەنچۇ، بۇندا ياش تۆكۈپ
تۇرماقتىمەن تەقدىرگە يىغلاپ.

1994- يىلى 11- دېكابىر. خوتەن

دادامغا خەت

سالام دادا
يىراقتىكى قايناق شەھەردە
سۈكۈت ئوۋلاپ يۈرگەن بالاڭدىن.
سېغىنغاندا سېنى ھەمىشە
سىماھىڭنى كۆرۈپ تۇرىمەن
خىيالىمنىڭ رۆجەكلىرىدىن.

ئەگەر خاتا قىلسام بىر ئىشنى
قۇلىقىمنى قويسەن سوزۇپ
ئەسلىمەمدىن چىقىپ يىنىكلا.
يالغۇز قالسام ئەگەر كېچىدە
ۋەھىمىلەر كەلسە ئىسقىرتىپ،
ئالقىنىڭدا كۆتۈرۈپ كۈننى
سەن ئالدىمدا بولىسەن پەيدا.

ئەگەر خېتىم بارسا كېچىكىپ
كۈتۈشلىرىڭ ئىپكەلسا ئازاب،
قارىغىن سەن يىراق ئۇپۇققا
ئۇندا روھىم تۇرىدۇ چاقناپ.

قىشنىڭ ئۇزاق، ئۇزاق تۈنلىرى
كۆرگۈڭ كەلسە ئەگەردە مېنى
قارىغىن كۆك گۈمبىزىدىكى
چاقناپ تۇرغان تەنھا يۇلتۇزغا.
كۆزلىرىمىز قالار ئۇچرىشىپ
بەلكىم ئاشۇ يۇلتۇزدا، دادا!

يىغلىمىغىن ئاھ ئۇرۇپ زىنھار
يامان خەۋەر ئىپبارسا كارۋان.
يىقىلمىسا تېنىم لەھەتكە
ئۈمىد ماڭا بولسىلا ھەمراھ
مەن ياشايمەن يەنىلا ئامان.
سېغىنىشتا باغرىڭ ئۆرتىنىپ
ئۈركۈتمىگىن ئېھ ،جېنىم دادا
يۈزۈڭدىكى قورۇقلىرىڭدا
ئۇۋىلىسا ئوماق تەبەسسۇم،
چۈشلىرىم ئۇ مېنىڭ سەرگەردان.

كەچۈر مېنى
قوي باققىلى چىققاندا يالغۇز
يېتىشەلمەي قالساڭ قويلارغا.
ئوسا ۋاقتى بەڭباش سۇ سېنى
يالغۇز كۆرۈپ بوزەك قىلغاندا.
كەچۈر مېنى، كەچۈر دادىجان
بولالمىدىم يېنىڭدا سېنىڭ
سېنىڭ ماڭا مۇھتاج ۋاقتىڭدا.

ئىيتالايمەن شۇنىلا ئاران
ئۆكسۈپ تۇرۇپ يازغان خېتمدە:
دەرد يەتمىسۇن ئالتۇن بويۇڭغا،
ساقاللىرىڭ تۇرسۇن پارقىراپ.
كەتمىنىڭنى باسمىسۇن ئۇيقۇ،
قارىغايدەك تۇرغىن سەن ياشناپ.

تومۇز كۈنلەر چىقساڭ ئېتىزغا
ناخشىلىرىڭ قالمىسۇن ئۆكسۈپ
يەلپۈپ قويار يۈرىكىڭنى ئۇ.
كىرىپ كەتمە خىرە ھوجراڭغا
تاشلاپ قويۇپ قۇياشنى يالغۇز
بېرەر بىر كۈن تىلىكىڭنى ئۇ.

ئۇمىد بىلەن ياتقىن ھەر ئاخشام
يېڭى تاڭغا ئۇلىشىمەن دەپ.
ئىيتىپ قويغىن خىلۋەت سەھراغا
ئىيتىپ قويغىن قەلبىڭگە ئاستا:
يىراقتىكى سەرگەردان ئوغلۇڭ
كېلىدۇ بۇ سەھەر ئۆيۈڭگە
سېغىنىشنىڭ زۇلمەتلىرىدىن
پارلاپ تۇرغان قۇياشنى سۆرەپ!

1994- يىلى 15- دېكابىر. خوتەن



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-10 18:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرۇتدىشىم بۇ شېرنى بەك ياخشى يىزىپسىز ، دادىڭىز ماڭا دوختۇرلۇقنى ئۈگەتكەن ئۇستازىم ئىدى ئۇستازىمنىڭ  ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي .


ۋاقتى: 2014-6-12 22:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- تاشلاپ قويمىغىن قوياشنى يالغۇز ؟ قوياش نۇرلارغا چۆمدۇرگەن سىنى . مېھرى ئاتەشتىن يارالغان ئىنسان ، بىرلىك - ئىناقلىق ئىنساننىڭ جىنى . - دەپ يىزىش ئارقىلىق  ،ئۆزلىرىنىڭ ھاردۇقىمنى چىقارغان ئۇشبۇ شېئېرلىرىنى تەبرىكلىمەكچى بولدۇم . رەھمەت .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-1 06:27 , Processed in 0.482920 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش