چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 2

ھەسەنجان قەييۇم : بالىلار شىئېرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەسەن6 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 14:08  

  ھەسەنجان قەييۇم

ئانا مەنمۇ ئوقۇيمەن

كىچىڭ دىمە ئۇكامدەك ،
جىلتە ئېسىپ ئاكامدەك .
شائىر بولاي ئاتامدەك ،
ئانا مەنمۇ ئوقۇيمەن .

مېنى بەرگىن مەكتەپكە ،
يېشىم توشار تەلەپكە .
ئىرىشكۈم بار شەرەپكە .
ئانا مەنمۇ ئوقۇيمەن .

ئۆتتى خەتمە تويلىرىم ،
ئۆسۈپ كەتتى بويلىرىم .
ئوقۇش مېنىڭ ئويلىرىم ،
ئانا مەنمۇ ئوقۇيمەن .

ماڭا جىلتە ئېلىپ بەر ،
دەپتەر قەلەم سېلىپ بەر .
مەن بىلىمدىن ياساي پەر ،
ئانا مەنمۇ ئوقۇيمەن .


ئەجەپ ئۇچتى لەگلىكىم

ئارزۇيۇمدۇر مېنىڭكى ،
لەگلەك ياساپ ئۇچۇرماق .
ئايلاندۇرۇپ سامانى ،
بىر مۆجىزە قۇچۇرماق .

ھاجەت ئەمەس ئاكىجان ،
ياساپ بەرگەن لەگلىكىڭ .
پەقەت ساڭا تەئەللۇق ،
سېنىڭ قىلغان ئەمگىكىڭ .

ياساي مەنمۇ بىر لەگلەك ،
ئەجىر قىلىپ قولۇمدىن .
قايتۇرمىغىن ئاكىجان ،
مەن تاللىغان يولۇمدىن .

شۇنداق قىلىپ مەن بۇگۈن ،
ياساش ئۈچۈن تۇتۇندۇم .
تەييارلىغاچ قەغەز ، يىپ ،
خىيالىمدا ئۇچۇردۇم .

زېھىن قويۇپ ئاخىرى ،
ياساپ چىقتىم بىر لەگلەك .
ئەقىل بىلەن مېھنەتتىن ،
كۆتۈرۈلدۈم بىر پەللەك .

ئۇزۇن قىلىپ باغلىدىم ،
لەگلىكىمنىڭ يىپىنى .
بىلىۋالدىم مەن بۇگۈن ،
ئەجىر قىلىش ئىپىنى .

قويۇپ بەردىم ھاۋاغا ،
  ئەجەپ ئۇچتى لەگلىكىم .
خوشال قىلدى ۋاي مېنى
،
ئۆز ئىجادىم ، ئەمگىكىم .

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-31 17:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ بۇ شېئىرلار. ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ رۇناق تاپقاي!
ۋاقتى: 2016-1-31 22:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزغا تەشەككۈر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 10:59 , Processed in 0.212713 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش