چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 9

گۇما پاسئان كىتابخانىسىدىن خۇشخەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۇما پاسئان كىتابخانىسىدىن خۇشخەۋەر


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلار قۇدلۇق بولسۇن!
گۇما ناھىيە پاسئان كىتابخانىمىز 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئېچىلدى. كىتابخانىمىزغا ھەر قايسى نەشرىياتلاردا نەشىر قىلىنغان ئەڭ يېڭى كىتاب، ژۇرنال ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
كىتابخانىمىز تۇنجى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.
1-كىتابخانىمىزدىن تۇنجى قېتىم كىتاپ سېتىۋالغان 50 ئوقۇرمەنگە بىر پارچىدىن  2016-يىللىق ئۇيغۇرچە رەڭلىك كالىندار سوۋغا قىلىنىدۇ.
2- تور،ئۈندىدار،تېلېفون،مۇڭداشقۇ قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق كىتاب سېتىۋالسا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
3-تاراتقۇلار ئارقىلىق كىتاب سېتىۋالغانلارغا بەش كېلومېتىر دائىرىدە ئائىلىسىگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز.
4-ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ بولغان كونا كىتاب،ژۇرناللارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالىمىز.
5-كىتابخانىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى يازما شەكلىدە بىزگە تاپشۇرسا باھالاپ مۇكاپاتلايمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئات ھەم تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشقا يىقىندىن ياردەم بېرىمىز.
پۇرسەت غەنىمەت،قەدەم تەشرىپ قىلىڭ،پىكىر-تەكلىپ بېرىڭ!
كىتابخانا مەنزىلى: گۇما ناھىيە خەلق مەيدانى شەرقى يولى 12-دۇكان.(يەنى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ سول تەرىپىدە)
ئالاقىلاشقۇچى: مۇتەللىپجان
تېلېفون: 13999438865----18999651245
ئۈندىدار: 18999651245
مۇڭداشقۇ(چ.چ) 13331468
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-1 01:42:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى، خۇشخەۋەر ئىكەن، رەخمەت
ۋاقتى: 2016-1-9 09:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئان كىتابخانىسىغا ئامرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى ‹‹لەگلەك قوغلىغۇچى بالا››،‹‹پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش››ناملىق داڭلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى خالىد ھۈسەيىننىڭ‹‹مۇڭلانغان تاغلار››ناملىق ئىككى تومپۇق رومانى يېتىپ كەلدى. ئۇندىن باشقا ئامرىكىلىق يازغۇچى روكفېللېرنىڭ شائىر ئادىل تۇنىياز تەرجىمە قىلغان بازارلىق كىتابى‹‹باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر›› ناملىق كىتاپنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بىلەن كىتابى كەلتۈرۈلدى. بۇ ئەسەرنى ھەر بىر ئۇيغۇر ساقلاپ قويۇشقا ھەم دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2016-1-10 10:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم بىر بېرىپ،بىرقانچە كىتاپ ئەكەلمىسەم!...
ۋاقتى: 2016-1-11 10:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۇما پاسئان كىتابخانىسىغا ‹‹بالىلارنى ئويۇن ئارقىلىق تەربىيلەش››ناملىق يۈرۈشلۈك كىتاب كەلتۈرۈلدى. بۇ كىتابقا ئېھتىياجى بار دوستلارنىڭ سېتىۋىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
مەنزىل: خەلق مەيدانى شەرقى تەرەپ(كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى سول تەرىپىدە) 12-دۇكان.
ۋاقتى: 2016-1-11 22:51:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خوش -خەۋەر ئىكەن مەن چوقۇم  ئو غلۇمنى بىرگە ئىلىپ بىرىپ  بىرنەچچە كىتاپ سىتىۋالاي. .
ۋاقتى: 2016-1-12 00:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرقانچە كىتاپ سىتىۋالاي ۋە دوسلىرىمگە تەۋۋسسىيە قىلاي
ۋاقتى: 2016-1-31 10:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ كىتاپخانىنىڭ ئىچىلىشى گۇما دىيارىمىزدىكى كىتاپ خۇمار ئۇستازلىرىمىز ۋە  ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇردىغان ياخشى سورۇن بىلەن تەمىنلەپتۇ .بەك سۆيۈندىم.
ۋاقتى: 2016-3-13 22:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالىقۇشى رومانى بارمىدۇ ؟؟
ۋاقتى: 2016-3-14 00:56:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eleyas يوللىغان ۋاقتى  2016-3-13 22:56
چالىقۇشى رومانى بارمىدۇ ؟؟

چالقۇشى بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 14:34 , Processed in 0.742188 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش