ئەلۋىدا، كىرپىكلەر
(يول بويىدىن كېسىۋىتىلگەن تېرەكلەرگە مەرسىيە)1
تاشلاندى كىرپىكىم قومۇرۇپ،
كۆزۈمدە دەۋرەيدۇ ياشلىرىم.
غەم تېغى يەلكەمنى يانچىدى،
قالارمۇ ئەتە ساق قاشلىرىم؟
ئۇ بولغان قىرىق بەش قىش،باھار،
ھۆسنۈمنىڭ لەتاپەت- زىننىتى.
تەگمىگەن دىلىمغا ئوق بولۇپ،
بىر قېتىم تاپا – دوق،مىننىتى.
ئايرىماي ۋەسىلگە پەسىلنى ،
ئۈن- تىنسىز كۆك تىرەپ تۇراتتى.
ئىپار بۇي تارقىتىپ ياپرىقى،
شادلانسام چاۋاكلار ئۇراتتى.
2
نام بەرگەن ياش
شائىر سىلەرگە،
ئىكەن دەپ ئانا يۇرت كىرپىكى.
بىر ئەپلىك ياراشقان شۇ ئىسىم ،
سىڭگەندەك ئۈرۈككە چېچىكى.
كېسىلدى بۈگۈن ئۇ كىرپىكلەر،
خوپ كەلمەي شەھەرگە سىياقى.
كۆڭۈلنى دەشىت-چۆل قاپسىدى،
يۈرەكنى ئۆرتەپ ئوت- پىراقى.
3
تاشلاندى كىرپىكىم قومۇرۇپ،
چاناققا سىغمايدۇ ياشلىرىم.
يانچىلدىم تەشۋىشنىڭ تېغىدا،
نە بولۇر قاپقارا قاشلىرىم؟
ئەلۋىدا كىرپىكلەر،ئەلۋىدا!
روھىڭلار جاي ئالغان يۈرەكتىن.
قەددىڭلار تاپىدۇ قەدرىنى،
تېنىڭلار ياسىغان كۆرەكتىن.
2009-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى(پەيشەنبە)،
گۇما- كۆكئوتاغ.