چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 8

شائىر مۇھەممەد چاۋار ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
        شائىر مۇھەممەد چاۋار ۋاپات بولدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارەكاتۇھۇ.
يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، شائىر، ژۇرنالىست، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ناتىق، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق باش كاتىپى مۇھەممەد چاۋار ئەپەندى ئاخشام يەنى 2016- يىلى 1-ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ سائەت 11 يېرىمدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى،  مەرھۇمنىڭ نامىزى بۈگۈن يەنى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى پىشىنگە بەيتۇللا مەسچىتىدە ئوقۇلۇپ،ئىمام مۇسا كازىم قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

مۇھەممەد چاۋارنىڭ تەرجىمىھالى:
شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى مۇھەممەد چاۋار 1949-يىلى 2-ئاي گۇما ناھىيە  گۇما بازىرىنىڭ ئارايا كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن چارۋىچىلىق باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى (ھازىر باشقارما دېگەن گەپ ئەمەلدىن قېلىپ ئىدارە دېيىلىدۇ) دا باشقارما (ئىدارە) باشلىقى، مەمۇرىي مەھكىمىدە باش كاتىپ بولغان. ھازىر پىنسىيىدە.

مۇھەممەد چاۋار 1973-يىلى "ئورما قوشىقى" ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرگەن. ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن،   بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار بۇرۇن يېزىلغان : مەشئۇملۇق" ناملىق پوۋېستى قولدىن-قولغا، خاتىرىدىن-خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان (بۇ پوۋېسىت يېزىلىپ ئارىدىن 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە يەنى "تارىم" ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىندى).

مۇھەممەد چاۋار شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاممىباپ، خەلق تىلىغا ناھايىتى يېقىن. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىمۇ قۇيۇق شېئىرىي پۇراققا ئىگە، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە.

مۇھەممەد چاۋار پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن زور ئىشتىياق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ نۇرغۇن ئېسىل لىرىكىلارنى ۋە بىر قىسىم نەسرىي ئەسەر ھەم ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر  ماقالىلارنى يازدى. مۇھەممەد چاۋار تۇنۇلغان ئەدىپ بولۇپلا قالماي يەنە پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر قىسىم ماقالىلارنى ۋە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلدى ھەم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى.

مۇھەممەد چاۋارنىڭ "يېشىل مۇھەببەت" (1986-يىل)، "شاھسەنەمنىڭ ئاشىقى" (2003-يىل) ناملىق شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-25 00:47:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى جايدىن ئورۇن تىلەيمەن،كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بىللە بولغان ئىدىم،مەڭگۈ ياد ئېتىمەن.
ۋاقتى: 2016-1-25 17:44:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ图片20160125174432.jpg
ۋاقتى: 2016-1-26 20:29:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلغاي
ۋاقتى: 2016-1-31 11:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ  ئاخرەتلىكى  ئاسان بولغاي
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 09:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى

شائىر،يازغۇچى،ئەدەبى ئوبزورچى،ئەدەبى تەرجىمان،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى،جامائەت ئەربابى،مۇھەممەت چاۋار ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن.

ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك

يۈرەكنى يىغلىتىپ قان-قان خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى،
«چولاق قۇش»*(1)نى قىلىپ نىمجان جىمى تەندىن مادار كەتتى.
ئىزى تامغان قاقاس يەردىن ئۈنەتتى ھۈپپىدە گۈللەر،
قىزىل گۈلگە بېرىپ مىڭ جان بېغىمدىن جىلۋىدار كەتتى.
چۆكۈپ دائىم يۇرۇڭقاشقا قويۇلسام دەيىتتى تارىمغا،
ئوقۇپ «قۇملۇقتا ئەپسانە»*(2) ئىزىقماستىن ئاقار كەتتى.
ئۆزۈمدىن ھالقىماق بولسام سىلايىتتى ئۇ قاناتىمنى،
مېنى پەرۋازغا رام قىلغان كەرەملىك تىلتۇمار كەتتى.
ئۇزاق تۈنلەردە مۇڭداشساق ياقاتتى دىلغا بىر چاقماق،
ئىچىمدىن چىققۇچە يورۇپ يولۇمغا ئىنتىزار كەتتى.
ياناتتى كۆكسىدە «تاغلار»*(3) جېنىغا پاتسا «مەشئۇملۇق»*(4)،
غۇرۇرنى تۇغ قىلىپ چاپقان بۈيۈك سەپتىن خۇمار كەتتى.
باھادىر ئوغلىنى ئىزدەپ «گۇما»*(5) بوزلار مۇسىبەتتىن،
كۆزى  يانۋاردا ئويۇلغان كۆڭۈلدىن  ئىپتىخار كەتتى.


ئىزاھات1) شائىرنىڭ شۇ ناملىق باللادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(2) شۇ ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ.
(3)شۇ ناملىق داستانىنى كۆرسىتىدۇ.  
(4) شۇ ناملىق پوۋستىنى كۆرسىتىدۇ.
(5) شۇ ناملىق شېئىرىنى كۆرسىتىدۇ.  


2016-يىلى قەھرىتاننىڭ 26-كۈنى گۇما.  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 09:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇ-دۇنياغا كۈلۈمسىرىدى

-شائىر مۇھەممەت چاۋارغا مەرسىيە-

ئابلەت ئەخمەت

قۇملار ئۇچۇپ ئۆتەتتى قۇلاق تۈۋىدىن ئەپسانە سۆزلەپ،
قومۇشلار پىچىرلايتتى ھىكايىسىنى.
يالغۇز بالىلىقى كۆكلەپ باراقسان،
بىر پارچە ئاسمانغا چۈشۈرگەن سايىسىنى.

بوينىنى سەل قىيسايتىپ ئولتۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەيتتى،
داڭدار كىشىلەرنى جەم قىلىپ.
ئۈزۈندە، ھىكمەت ،لىرىك شېئىرلار...
دانە-دانە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇنىڭ ئاۋازىدا،
جاراڭلايتتى
چۈشۈپ قالمايتتى
سۇغۇرلۇپ چىقىپ كىتەلمەيتتى.

تەنھا كېچىپ ئۆتكەن تالاي چۆللەرنى،
ئۆزى چىققان تەختىگە ھۆرمەتنىڭ.
ئۆز روھىنى شەكىلگە كىرگۈزۈۋاتقاندا،
ئىشىكى ئېچىلدى تۇيۇقسىز جەننەتنىڭ.

ساماۋى ھەقىقەتلەرگە ئىشەندى جىمجىت،
ئۆزىنى دەڭسەپ ياشىدى كۈلۈپ.
ئىزاھات بەرمىدى كەچمىشلىرىگە،
مىھنەتلىك كۈنلەرنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ.

يانۋارنىڭ بۇلۇتلۇق يەكشەنبە كۈنى،
ئىسىت زىمىن ،ئاھ قۇياش دەپ ياش تۆكۈپ،
تاغلارغا تاغ بولغان زەبەردەس ئەركەك،
خوتەندىكى
ئىمام مۇسا كازىم قەبرىستانلىقىدا،
بۇ دۇنياغا كۈلۈمسىرىدى.

2016-يىل1-ئاينىڭ-30-كۈنى گۇما
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-17 01:01:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات
ئۇستاز

(شائىر،يازغۇچى،ئەدەبى ئوبزورچى،ئەدەبى تەرجىمان،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى،ناتىق،جامائەت ئەربابى،ئۇستاز مۇھەممەت چاۋارنىڭ ۋاپاتىغا ئەلىكنامە)

تەپەككۇر كۆكىدە پەرۋاز قىلاتتىڭ زەپ ئېگىز،ئۇستاز،
تېرەنلىك بابىدا زېھنىڭ ئېدى چوڭقۇر ‹دېڭىز›،ئۇستاز.

كۆزى نۇرلانسا ‹قۇملۇق›نىڭ چۆكۈپ ئەپسانە باغرىغا،
شەپەققە سىن بىرىپ ‹يۇلغۇن› بولاتتى پەخرىمىز،ئۇستاز.

‹ئۈگۈت›بەرگەن:«ئۇۋاسىدا يېگەنگە كۆز تىكەر يىلپىز،
ھەۋەس قىلماڭ مەگەر رەڭۋاز كۆتۈرسە مەي-قېمىز»،ئۇستاز.

«كىشىنىڭ چارچىشى بەرھەق كېچىش،تاللاش ئاراسىدا،
ھاياتنىڭ كەكرە تەمىنى بىلىڭ گاھ بال  لەزىز»،ئۇستاز.

«توخو  ياتقان پاكار قونداق بىلىنگەي توزغا  دار-دىشۋار،
‹قىيا›نى تىك دېمەس شۇڭقار،ماكانىدۇر ئەزىز»،ئۇستاز.

«غېمى يوقتۇر ئۇچارقۇشنىڭ ئۆزى قونغان ئېگىز شاختىن،
نادانغا،قەلبى كورلارغا قەلەم بولسۇن بېگىز!»،ئۇستاز.

«‹چۈشۈم›دىن بىخەۋەر مەڭگۈ غېرىپ باشىمدىكى ياستۇق،
ئىشەنگەن ئۆكچىدىن چىقماس ناگاھ تەملىك مېغىز»،ئۇستاز.

«كۆرۈنمەمدۇ كىچىك بۈركۈت ئېگىز ئۇچقانسىرى كۆزگە،
چىقىپ كۆك قەھرىگە قاتسۇن قاناتى،نەسلىمىز...»،ئۇستاز.

«بېرەلمەيدۇ چېچەك رەڭگى بىشارەت مېۋە تەمىدىن،
بىخۇت بولماڭ،باھار بولماس ھوسۇللۇق پەسلىمىز»،ئۇستاز.  

«قەدىر-قىممەت مۇنارىنى ئۆزى تىكلەيدۇ ھەر ئىنسان،
‹قىزىلگۈل›كۈلسە باغلاردا ئۇ چاغ سىز پەخرىمىز»،ئۇستاز.

‹سەپەر›دە ‹ئاق ›‹يول›ۇڭ بولسۇن،ماياك ئەيلەپ ‹ئۈگۈت›لەرنى -
ئىما قىلغان ئېگىز ‹تاغ›قا چىقىشتۇر ئەھدىمىز،ئۇستاز!

2016-يىلى 27-يانۋار،گۇما.

ئىزاھات: ‹   ›نىڭ ئىچىگە ئېلىنغانلىرى مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 09:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتۇك قەلەمداش،ئەلۋىدا
(مەرھۇم شائىر مۇھەممەت چاۋار ئەپەندى ۋاپاتىغا مەرسىيە نامە)
ئابدۇغىنى سېيىت

كەتتىڭىز ئاھ،پەخرى يۇرتداش،ئەلۋىدا،
خەلقى بىلەن ھەمدەم،ئۇيۇلتاش،ئالۋىدا.
پىكرى تىرەن،كەيپى خوپ شاش،ئەلۋىدا،
غادايماس بولسىمۇ يۇرت-باش،ئەلۋىدا.
شۇدەم دەريا مەندە كۆز ياش،ئەلۋىدا،

خۇلىقىڭىز ئىدى ھەمېشە ياز،باھار،
خىسلىتىدىن ئادەمىيلىك تەم تامار.
يازمىسىدا ئەجۈر،ئانارىم تەمى بار،
تىرىشىش،ھالقشقا خۇشتارۇ،خۇمار.
كى پەقىر،مىسكىنگە قاياش،ئەلۋىدا،

ئىدىڭىز خوتەندە بىر مۇھەممەت چاۋار،
سۆيۈنەتتى سىزدىن خەلق،ئانا دىيار.
ئىدى گەپ سۆز،خۇلقىڭىز پەسلى باھار،
ھەممە بىرلە ياخشى ئۈلپەت دوست ۋە يار.
ئۆسكەندەك بىللە ئىمىلداش،ئەلۋىدا،

ئۇرسا تەلۋە يىل جۇدۇن،چاپقۇنلىرى،
سەۋرى-تاقەتتە ئۆتۈپ كۈن-تۈنلىرى.
قەلبىدىن ئوخچۇپ چىدام ئۇچقۇنلىرى،
چۈشمىگەن ئىچىگە تىنىقى،ئۈنلىرى.
پۈكمىگەن تىز ناھەققە،بەرداش،ئەلۋىدا،

تونۇشۇپ بىز بالىلىق ياش-چاغلىدا،
ئۇچرۇشۇپ پات-پات گۇما،قوشتاغلىدا.
ئەنجۈمەن كىلياڭ،كېڭەزدە تاغلىدا.
زىيارەت،سۆھبەتتە بىز ھەر چاغلىدا،
ئۆتكەن بىز دوست ۋە سەپداش،ئەلۋىدا،

ئېسىمدە تۈزگەن سورۇن كۈن پاتقىچە،
نەزمىلەر ئاڭلاپ،ئوقۇپ ئەل ياتقۇچە.
ئاخشىمىدىن سۇ بىھىدىن تاڭ ئاتقۇچە،
چۈشۈنۈپ مەزمۇن بىر ھېكمەت تاپقىچە.
ئۆتكەن بىز ئىشتا قوشۇپ باش،ئەلۋىدا،

مىللىتىم پەزلى ۋۇجۇدىن تاۋلىغان،
يازمىسىدا زوق،ساداقەت پارلىغان.
ئاتلاپمۇ دەرىجە،داۋانلار ھارمىغان،
ۋەتەن،خەلق سۆيگۈسىدىن ھېچ تانمىغان.
كۈلكە،قەھرى ئەلگە ئوخشاش،ئەلۋىدا،

ئىدىڭىز دوختۇر يېتۈك،قابىل ھەكىم،
ھاجىتىدىن قىلغان داۋا ئىزدىسە كىم.
كېسەلدىن سەھەت تېپىپ بوپ بىجىرىم،
ئەيلىگەن سىزگە تەشەككۈر كۆپ قېتىم.
بىمارلار ھالىغا قاياش،ئەلۋىدا،

ئىدىغۇ يازما،شېئىرىڭىز شۇنچە ساز،
ئىدىڭىز كەمتەر،ئىدى يوق ئىمتىياز.
بىللە ئىدۇق بەزمە،نەۋرۇز،ياز،ئاياز،
ئۆتمىگەن ئارادا “سەن،پەن” لەش ئاراز.
بىز ئىدۇق گۇيا قېرىنداش،ئەلۋىدا،

يازمىڭىز ئىدى بەلەن،پىكىرى تىرەن،
ئىشلىگەن مىسرا،قۇرىغا زوق بىلەن.
زوۋقىدىن لەۋ چىشلىگەن جانان لەۋەن،
قىزىيتتى سىز بار سورۇن،ھەر ئەنجۈمەن.
ئەل قاياشى،ياخشى يولداش،ئەلۋىدا،

مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتى،ياشلىقى،
كەتمىگەن ياشانسىمۇ شوخ،شاشلىقى.
كۆڭلى ئاقلىقتىن نىشان ئاق چاچلىقى،
بىلىدە ئاق “شاھىسانە مىنىڭ ئاشىقى”.
قولىدا تاۋۇت،كۆزىدە ياش،ئەلۋىدا،

ئايرىلدى گۇما يىتۈك بىر ئوغلىدىن،
ئۇچتىغۇ بىر يۇلتۇزى كۆك باغرىدىن.
يۈرۈگۈم سۇ،دوستلىرىڭىز ئاھىدىن،
پەرزەنتلەرنىڭ يېغىسى-پەريادىدىن.
بېشىغا چۈشكەن كەبى تاش،ئەلۋىدا،

شۇنچە جېق يازمىسى ئەجىر-مېھنىتى،
ئىدى پەۋەس سىزگە ئەليۇرت ھۆرمىتى.
كەتتىڭزغۇ دوستى سانسىز رەھمىتى،
ئورنىڭىز بولغايكى ئەھلى جەننىتى.
قەۋرىڭىزدە تۆكمەكتىمەن ياش،ئەلۋىدا،

ئاھ دىدىم،كەتتى!... خەۋىرى ئاڭلىنىپ،
ئىشەنمەي قۇلاققا،مەن باش ئايلىنىپ.
قالدۇققۇ بىر ياخشى دوستتىن ئايلىرىپ،
ھەق قانۇن كەلمەك ۋە كەتمەك يارىلىپ.
ئۇنۇتماس بۇنى قېرى،ياش،ئەلۋىدا،

قالدى يېغلاپ دادا!...دەپ قىز،ئوغلىڭىز،
نەچچە يىللىق ھەمدەم،شۇ دىلكەش، جۆرىڭىز.
توشۇدۇ قانداقچە ئەمدى ئورنىڭىز،
ئەلۋىداكى،قەلبىمىزدە روھىڭىز.
ئەي كامىل مۇمىن قەلەمداش،ئەلۋىدا،
2016-يىل 28-يانۋار.خوتەن
خوتەن مائارىپ ئېنىستىتوتى(پىداگوگىكا مەكتىپى)ئابدۇغېنى سېيت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 11:40 , Processed in 0.196318 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش