ئاھ ئۇرارمەن...
«ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.»
ئاسسا ئاۋازىمنى دارغا لەۋلىرىڭنىڭ چاقمىقى،
تۈندىكى قۇشنىڭ كۆزىدە ئاسمىنىم ئۇچقاي سېنى.
ئايدا يوق، يۇلتۇزدا يوق كىرپىكلىرىڭنىڭ سۈلكىتى،
يالتىراپ دەردىم قۇياشتا نۇرلىرى قۇچقاي سېنى.
سۇلىرىڭنىڭ ئىسمىدا سۆزلەر پەرىشان تاشلىرىم،
چايقىلىپ ئاققان ئوتۇمدا يۈرىكىم ئۇتقاي سېنى.
تەنلىرىم سۇنسا قاراسلاپ كۆكتىكى گۈل بەرگىدە،
ئۆرتىنىپ تۇپراقتا ئادىل لەرزىگە قوشقاي سېنى...
يوشۇرۇن كۆيۈش
ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ ئەي يار، دىلىم ئاتەشكە ئايلاندى،
ئىشىقنىڭ بەھرىگە شۇڭغۇپ قېنىم ئۆركەشكە ئايلاندى.
قۇياشمۇ ئېرىگەي شۇر-شۇر جامالىڭ ئاپتىپى بىرلە،
خىيالىڭدا چۈشۈم تۇرماق، ئوڭۇم مەڭدەشكە ئايلاندى.
ۋۇجۇدۇم كۆز بولۇپ پىنھان تۆكۆلدى سەندىكى يولغا،
تىلىمنى يەلپۈسە سايەڭ، سۇئال ئۈندەشكە ئايلاندى.
كۈتۈشنىڭ دەشتىدە جاندىن تۆكۈلدى تەنلىرىم لەپ-لەپ،
غېرىبتۇرمەن، پەقەت يەكتا ئازاب دىلكەشكە ئايلاندى.
پىراقىم شاخلىنىپ ئۈنسىز چېچىلدى كۆككە يۇلتۇزدەك
ھىلالسىز تۈنلىرىم ئۆزرە يۈزۈڭ مەھۋەشكە ئايلاندى.
ۋىسالنىڭ ئاسمىنى ياغسا ئېچىلغايمەن قىزىلگۈلدەك،
سېنىڭسىز قەلبى ئادىلنىڭ تامامى غەشكە ئايلاندى.
گۇمان ۋە ئارمان
سېغىنسام كەلمىدىڭ دىلبەر، يۈرەككە لىق پىغان كەلدى،
يولۇڭغا نۇر بولۇپ ئاقسام، ئازابلار مەن تامان كەلدى.
جېنىمنى يەيدۇ تەنھالىق چېچىڭنىڭ تۈنلىرى ئىچرە،
تۆكۈپ ئاھىمنى يۇلتۇزغا، تىلىمغا مىڭ بايان كەلدى.
شامالنى كەشتىلەپ تەندە سەھەرگە يوللىسام مەكتۇپ،
قۇياشتىن ساقىدى ئاسمان، چىرايىمغا تۇمان كەلدى.
ئىچىمگە يۆلىنىپ ياتتىم تۆكۈلسە ئەسلىمەم سىم-سىم ،
پىراقنى قىينىدى قەلبىم، كۆزۈمگە لەختە قان كەلدى.
ھىدىڭنىڭ دارىغا گۈللەر ئېسىلغاي زارۇ-زار يىغلاپ،
رەشىكنىڭ ئوتلىرى ئۆرتەپ، دىلىمغا كۆپ گۇمان كەلدى.
كۈتۈشنىڭ خەتلىرى ئۈنسىز ئوقۇر ئادىلنى ۋاراقلاپ،
يېنىمغا ئۈنمىسەڭ ئەمدى ئۆلۈمدىن بىر نىشان كەلدى.
بىر قىزغا كۆيۈپ قېلىش
تەرەببال بىر نىگاھ بىرلە ئەسىر بولدۇم ساڭا، ئەي قىز،
ئوتۇڭ ياماشتى ئول جانغا، قىيا باقساڭ ماڭا، ئەي قىز.
تاپالماستىن ساڭا تەسۋىر تىلىمدا يىغلىدى سۆزلەر،
ئىشىقنىڭ زەۋقىدىن بۇدەم ۋۇجۇدۇم ئوت- لاۋا، ئەي قىز.
لېۋىڭدە ئولتۇرۇپ غەمكىن چېچىڭدا لەڭ ئۇرۇپ ئاقتىم،
جامالىڭ قىلدىلەر دىلنى پىراققا مۇپتىلا، ئەي قىز.
چېچەكلەپ ئاھلىرىم تۈندە تۆكۈلدى كىرپىكىم بويلاپ،
مۇھەببەت ئەيلىدى روھنى تېنىمدىن ئاھ، جۇدا، ئەي قىز.
قېنىمدا چايقىلار يالقۇن، كۆڭۈل رەغدىم ساڭا تۇتقۇن،
سېنىڭسىز كۇللىياتىمنى يۇتار تەھتىسارا، ئەي قىز.
كۆزۈڭدە قاغجىراپ يۇلتۇز قۇشۇڭدا ئۇچتى ئاسمانىم،
ۋىسالنىڭ بۇرجىنى كۆزلەپ يۈرەك بولدى يارا، ئەي قىز.
تىلەپ ۋەسلىڭنى سۈبھىدە ئىگەمگە ئىلتىجا ئەتتىم،
جاھان ئىچرە پەقەت سەندىن تاپار ئادىل داۋا، ئەي قىز!
ئىشق شەرھى
ئىشىق ئۈنگەن كۆڭۈللەردە قۇياشتەك نۇر-زىيا بولمىش،
ئەزەلنىڭ ھۆكمى ئاشىققا كۆيۈپ ئۆتمەك راۋا بولمىش.
ساداقەت بەھرىگە چۆككەن داۋام ئۆركەش ياساپ ئاققاي،
ئەقىدە يۇلتۇزى ئۆڭسە چېچەك باغرى يارا بولمىش.
دىدارغا قانسا جۈپ كۆزلەر زىمىستان كۈلگە ئايلانغاي،
باھارنىڭ جىلۋىسى تامغان قەلبلەردە جۇلا بولمىش.
بۇلاقلارنىڭ نىگاھىدىن باياۋان چاڭقىقى قانغاي،
كۈلۈپ باقسا مەگەر جانان جىمى دەردكە داۋا بولمىش.
سۇنۇق تۈندە مۇھەببەتنىڭ ئازابى جانغا سانجىلغاي،
سەھەردە كىشنىگەن گۈلنىڭ شېخىدا
كۈي-ناۋا بولمىش.
قاناتى سۇنمىغان ئاشىق سۈزۈك ئاسماندا پەر قاققاي ،
ۋاپاسى شاخلىغان دىلغا چىمەنلەر مەھلىيا بولمىش.
پىراقلار تەكتىدە ئادىل نىگارنىڭ ۋەسلىنى تاپقاي،
كۆيۈشنى ئىستىگەن ئويغاق يۈرەكلەردە سادا بولمىش...