چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1464 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 2

ئادىلجان ئابدۇرېھىم: كۆڭۈل يۇلتۇزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىلجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 21:22  



كۆڭۈل يۇلتۇزلىرى

(مۇۋەششەھلەر)

ئادىلجان ئابدۇرېھىم

ئاق چېچەك

بالقىتىپ دىلدا قۇياش تۈنگە نۇرىستان بەردىڭىز ،
شۇڭغۇتۇپ كاچكۇلغا چوغ ھالقىشقا ئىمكان بەردىڭىز .

ئەيلىدى «ئۆزلۈك ئاۋازى» كۇللى قەلبنى مەھلىيا ،
جىلۋىسى ئاققان سۈزۈك تاڭلارغا ئارمان بەردىڭىز .

گۈل ئۈنۈپ چىقتى غورۇرنىڭ بىپايان سەيناسىدا ،
يايرىماق بولغان يېتىم قۇشلارغا بوستان بەردىڭىز .

تەگدى ئوقتەك«مەڭگۈلۈك ناخشا»يۈرەكنىڭ تەكتىگە ،
ياڭرىتىپ گۈلگۈن سادا نىمجانغا دەرمان بەردىڭىز .

ئۈركۈتۈپ شەيتان چۈشىنى چاقنىغان شەمشەر ئىلە ،
ئاق چېچەك پەرۋازىغا نۇرانە ئاسمان بەردىڭىز .

روھ چۆلىنى كەزلىبان مەشرەپ ئىزىنى ئاختۇرۇپ ،
كەچمىشى ئاچقان پورەك مەنزىلگە كارۋان بەردىڭىز .

كۆڭلۈمە ئاقتى ئېرىپ «كىرپىكتىكى قار» تامچىسى ،
مېھرىڭىزدە چاڭقىغان روھىمغا ئوكيان بەردىڭىز .


ئاسمىنىڭ كۈندىن چىقىپ

ئاسمىنىڭ كۈندىن چىقىپ نۇرلارغا چۆمدۈرگەي سېنى،
جىلۋىگەر تۈنلەر ئارا يۇلتۇزغا مۆكتۈرگەي سېنى.

لالىلەرنىڭ ئۆركىشى دەۋرەر ئىزىڭدا ھىد چېچىپ،
تۇپرىقىڭ رەيھان كەبى باغلاردا ئۈندۈرگەي سېنى.

ئاقتىلەر چۆللەر ساڭا ئەشئارلىرىڭغا زارىقىپ،
شۇ ئەزىم دەريالىرىڭ قاينامغا چۆكتۈرگەي سېنى.

ھۇۋلىبان ئاتەش پىراق ئەتسە دىلىڭنى ئاشىيان،
تەلۋە ئىشقنىڭ ئوتلىرى گۈلخاندا كۆيدۈرگەي سېنى.

ئىزتىراپ چەككەن شامال قەلبىڭنى ناخۇل ئەتكۈسى،
پەر قېقىپ ئۇچقان كۆڭۈل پەرۋازغا كۆندۈرگەي سېنى.


دىلفىكار بۇلبۇل شېخىڭدا ئەيلىگەي ياڭراق ناۋا،
سۈپسۈزۈك ھىجرانلىرىڭ ئارمانغا كۆمدۈرگەي سېنى.

ئىزدىبان مەلھەم جېنىڭ كەزدى ئۇپۇقنىڭ باغرىنى،
تاڭ جۇلاسى چايقىلىپ سۈبھىدە كۈلدۈرگەي سېنى.

نەي قىلىپ چالغان سۆڭەكلەر كۈيلىرى پەريادىدا،
چۈشلىرىڭنىڭ ياپيېشىل بەرگىگە سۆيدۈرگەي سېنى!


سۈزۈك تاڭدەك ياشاپ كەلدىڭ


شېخىڭغا قوندۇرۇپ ئاينى سۈزۈك تاڭدەك ياشاپ كەلدىڭ ،
ئۆزۈڭنى ئەيلىبان قۇربان كۆڭۈللەرنى ياماپ كەلدىڭ .

ئەجەم تامغان باياۋانغا شېرىلداپ ھېكمىتىڭ ئاقتى ،
قۇياشنىڭ مەڭزىگە قونماق ئۈچۈن جاننى ئاتاپ كەلدىڭ .

ۋۇجۇدۇڭ كۈي پىراقىدا يېنىپ ئاتەشكە ئايلاندى ،
گۇگۇمنىڭ باغرىغا ھەردەم گويا نۇردەك تاراپ كەلدىڭ .

كېچە «زەڭگەر خىيال» بىرلە «كۈمۈش ئاخشامنى ۋاراقلاپ»،
«ئىشىق سەۋدالىرى» ئىچرە زۇھەل يۇلتۇز ساناپ كەلدىڭ .

ئەجەپ خەندان ئۇرار بۇلبۇل «ئىچىڭنىڭ بوشلۇقى» ئۆزرە ،
باھار باشلاپ زېمىستانغا قاباھەتنى قاماپ كەلدىڭ .

تېنىڭنىڭ دەشتىدە ئاھۇ سېنىڭدىن يول سوراپ يۈرمىش ،
ئۇلاپ روھلارنى ئەجداتقا بۈيۈك كارۋان ياساپ كەلدىڭ .



جەسۇر توغراققا ئوخشايسىز

خىياللار بەھرىدە ئۈزسەم يېتۈك قولۋاققا ئوخشايسىز،
مۇڭى دولقۇننى تېترەتكەن چىمەن قىرغاققا ئوخشايسىز.

ئۇرۇپ خەنجەر شەبىستانغا، قۇياشنى سۇندىڭىز جانغا،
قارا تۈن باغرىدىن يانغان لاۋا،چاقماققا ئوخشايسىز .

شېكەستە يۇلتۇزۇم قونغاي ناۋاكەش شاخىڭىز ئۆزرە
بوران-چاپقۇننى تەۋرەتكەن جەسۇر توغراققا ئوخشايسىز.

خۇمار كۆزلۈك قىزىلگۈلگە زىيالار تۆكتىڭىز تاڭدا ،
كۆڭۈللەر ئوتلىغان چەكسىز گۈزەل يايلاققا ئوخشايسىز.

ئۇتۇپ دوئىلدا شەيتاننى،داۋام چاقناتتىڭىز روھنى،
غورۇرنىڭ يىلتىزى ئۆسكەن ئەزىز تۇپراققا ئوخشايسىز.

يۈرەكىگە زېمىستاننىڭ قوقاسنى كۆمدىڭىز مەغرۇر،
ئۇلۇغ مەنزىلگە تىكلەنگەن بۈيۈك بايراققا ئوخشايسىز.

( قومۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-24 16:49:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاننىڭ سۈزۈك مۇۋەششەھلىرىگە مۇبارەك! ئۇستازلار سالامەت بولغاي!


ۋاقتى: 2014-6-20 13:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەرنىڭ تىلىىى ئاممىباپ ،چۇشۇنىشلىك ،راۋان چىقىپتۇ . ئەزىزلەرنىڭ تىنى سالامەت بولغاي .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-1 11:04 , Processed in 0.248920 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش