باھار : 16 .5
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كېچىگە كىردۇق غۇۋا، چاقنار تۇمانلىق كۆزلىرىڭ،
سۇس يېنىپ تۇرغان چىراغ سەندە
گۇمانلىق كۆزلىرىڭ.
يانمۇ-يان ئولتۇرغىلى مەيلىڭنى ئىزدەپ چارچىدىم،
مەندە يوق بىر نەرسىنى ئىزدەر قىيانلىق كۆزلىرىڭ.
قۇيغۇنىڭ يالپۇز چېيى يالغۇزلۇقۇمنى ئەسلىتىپ،
تىكىلەر دەرىزىگە چوغدەك قىرانلىق كۆزلىرىڭ.
-مەن يېنىڭدا،- ۋاقىراي دەپ يۇتۇۋەتتىم ھەممىنى،
مېنى بىر خىلۋەتكە تاشلار ھەي، بورانلىق كۆزلىرىڭ.
چوكىنى ئالدىم قولۇمغا، يۈرىكىمدۇر قورۇما،
لەززىتىمنى كۆرگىلى كەلمەس داۋانلىق كۆزلىرىڭ.
چاچرىتىپ يەيمەن دىرىلداق كۆينىكىمگە، كۈلۈۋال،
ماڭا ئېيتتى سىرىنى جىمجىت زۇۋانلىق كۆزلىرىڭ.
قېقىلىپ كەتتىم ئىچىمگە خويمۇ ئاچچىق مۇچنى يەپ،
يېڭىسارغا يەتكىچە بەرگەي ئامانلىق كۆزلىرىڭ...
2014-يىلى، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، يېڭىسار.