چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 1351|ئىنكاس: 8

ئا. سادىر: يارنى دەپ (غەزەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 13:05  

يارنى دەپ

ئابدۇقادىر سادىر

پىراقتىن مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!،
يىراقتىن بىر كۆرۈپ،گاھ مىڭ تىرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!.

ئىشق دەرياسىدا ئاقتىم ئەجەمنىڭ ھەسرىتى يەڭلىغ،
چىگىپ مەستانە كۈيلەرگە بېرىلدىم، يارنى دەپ ھەيھات!.

ئۈمىدىم سۆيگۈنىڭ ساھىللىرىغا قونسا بوي تارتىپ،
ھېجىرنىڭ قەتلىئامىدا قىرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!.

بۇ مەجھۇل جاڭگىلىستاننىڭ ئېرۇرمەن توغرىقى قاقشال،
سۇسىزلىق ئاھىدىن چاك- چاك يېىرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!.

ئىدىم بىر دانە، رەببىمنىڭ قولىدىن يەرگە چۈشكەندە،
بولۇپ مىڭ دانە بۇ  چۆلگە تېرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!.

ئۇزاتسام بىر ئوچۇم نۇرغا قولۇمنى، نە بىلەي ھېجران،
غۇلاتتى چوققىدىن تاشتەك، سىرىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!.

ئىلاھا، ئابدۇقادىرغا ۋىسالدىن ئەيلە بىر ئىنئام،
سېرىق گۈل رەڭگىدە تامغا سىزىلدىم يارنى دەپ ھەيھات!

2014. 4. 27



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-8 00:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇز غەزەلكەنيا بۇ،مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز-ھە!


ۋاقتى: 2014-6-8 08:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار ئىشقىدا سەرسان بولغان يۈرەككە داۋا غەزەل بوپتۇ.يەنە يوللاپ تۇرغايلا


ۋاقتى: 2014-6-8 19:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئاللىم قول يازمىڭىزغا ئاپىرىن ئامان بولغايسىز


ۋاقتى: 2014-6-8 20:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن كەمىنە ئوقوغۇچىڭىز دىنسالام


ۋاقتى: 2014-6-9 22:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ يۈرىكى بارغانسىرى ياشىرىپ كېتىپ بارىدۇ....


ۋاقتى: 2014-6-12 21:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز تەنلىرى سالامەت بولۇپ ،مۇرات - مەخسەتلىرىگە يەتكىلى ، ۋىسال شارابى ئېچكىلى نىسىپ قىلغاي .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 12:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىلىرىنىڭ ياخشى تېلەكلىرىگە رەھمەت! بىرلىكتە ئالغا باسقايمىز.


ۋاقتى: 2014-6-23 08:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى غەزەللىرىگە مۇبارەك بولسۇن!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 09:02 , Processed in 1.162370 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش