ئابدۇقادىر سادىر
كۈلكە ئىچرە كۈلكە تاپتىم ئەھلى شەيتان ئازدۇرۇپ،
بىر بەلانى باشقا تاپتىم پەيلى شەيتان ئازدۇرۇپ.
بەرگىسىگە دىل شېخمنىڭ بىر ھىلال تۇرغاچ قونۇپ،
لەۋلىرىدە پىستە چاقتىم ۋەسلى شەيتان ئازدۇرۇپ.
تالى مەجنۇن بويلىرىغا قوندى مەجھۇل بىر خىيال،
كۆزلىرىمدە ئالما قاقتىم پەخرى شەيتان ئازدۇرۇپ.
كۆك يۈزىدىن ئاينى ئۈزمەككە خىيالىم ئىچرىدە،
چۆمبىلىگە قول ئۇزاتتىم شەكلى شەيتان ئازدۇرۇپ.
ئايگۈزەلنىڭ كۆزلىرىگە كەتتى شۇڭغۇپ كىملىكىم،
قارچۇقىدا ھەپتە ياتتىم لەيلى شەيتان ئازدۇرۇپ.
كەتتى ئوۋلاپ دىلنى بىر جۈپ سۇمبۇلىستان ئەركىسى،
بىقارارلىق ئىچرە پاتتىم چەرخى شەيتان ئازدۇرۇپ.
ئالمىلىق باغقا ئىشارەت ئەيلىگەي دەم- دەم مېنى،
جامىدا ۋەسۋەس شارابى، ئەكسى شەيتان ئازدۇرۇپ.
سۈلكىتىنىڭ دامىدا ئەرمەك بولۇپ مەن ئاقىبەت،
يوق يارامغا دورا چاپتىم خەيلى شەيتان ئازسۇرۇپ.
قاشلىرىنىڭ ئورغىقىغا بولدى بۇغدايلىق جېنىم،
خامىنىغا كەتتى سايلاپ ئەسلى شەيتان ئازدۇرۇپ.
نې ھازا تاپتىم ئۆزۈمنى كۈلكىلەردىن مالتىلاپ،
ئۈشبۇ قىسمەت كەشپىكارى بەلكى شەيتان ئازدۇرۇپ.
ئابدۇقادىرغا پىچىرلاپ بەردى تەسكىن بىر سۈكۈت،
كەتسە يەتمىش ياشتا بىر رەت مەيلى، شەيتان ئازدۇرۇپ.
2015- يىل 22- ئاپرىل
گۇما.