چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 1487|ئىنكاس: 4

ئا. سادىر: ئىككى "مەشرەپ››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                       ئىككى «مەشرەپ››
ئابدۇقادىر سادىر

دۇنيا ئەدەبىياتىدا «مەشرەپ›› تەخەللۇسلۇق شائىردىن ئىككىسى بارلىقى خېلى كۆپ كىشىلىرىمىزگە سىر بولسا كېرەك. مەن ئابدۇقادىر سادىرمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم.
2005- يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدىن «مەشرەپ›› قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «مەبدائى نۇر›› (نۇر مەنبىئى) ناملىق بىر تاشباسما كىتاپ قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. مەن شۇ چاغدا مەشرەپنىڭ غەزەللىرىلا بولۇپ قالماستىن، بۇنىڭدەك مەخسۇس ئىلاھى ئىشق تېمىسىغا بېغىشلانغان كىتاپلىرىمۇ بار ئىكەن، دەپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتىم ۋە كىتاپنى دەرھال كۆپەيتىۋالدىم. مەقسىدىم ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن نەشىرگە تەييارلاش ئىدى. ئەپسۇس، كىتاپنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تەييارلاشقا كۆپ ۋاقت كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىتاپنى ھېلىغىچە تەييارلاپ بولالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، تور دۇنياسىدىن ئويلىمىغان يەردىن ئەشۇ كىتاپ ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى توغىرىسىدىكى بىر ماقالە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم. ئەسلىدە مەن ھەممىمىز ئوتلۇق غەزەللىرى بىلەن بىلىدىغان بابا رەھىم مەشرەپنىڭ دەپ يۈرگەن «مەبدائى نۇر›› باشقا بىر «مەشرەپ›› نىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى «ھافىز رۇزىباي مەشرەپ›› ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەشرەپتىن ئىككىسى بارلىقىنى بىلدىم ۋە باشقىلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش مەقسىدىدە مەن ئوقۇغان ئەشۇ توغىرىدىكى ماقالىلارنىڭ ئاساسلىق رۇھىنى قىسقىچە بايان قىلىپ چىقتىم.
ئەسلىدە مەشرەب نامى بىلەن ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان «غەزەلياتى مەشرەب›› بىلەن «مەبدائى نۇر›› دىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى، بەدىئى كامالىتى ئارىسىدا ھەم زور پەرق، ھەم كىچىككىنە بىر باغلىنىش بولۇپ، بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولمىش «مەشرەپ›› لەر توغىرىسىدىكى تەتقىقاتلار 1923- يىلىلا باشلانغان ئىكەن.
بۇ مەسىلىنى تۇنجى بولۇپ تەتقىقات تېمىسى ئاستىغا ئالغان كىشى ۋ.ئې. ۋيېتكىن بولۇپ، ئۇ 1923 يىلى ئېلان قىلغان «فەرغانىلىك دەرۋېش– دېۋانەئى مەشرەپ›› ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدا بابارەھىم مەشرەبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ئۈستىدە كەڭ توختالغان ۋە شۇ ماقالىسىدا  «مەبدەئى نۇر›› (نۇر مەنبىئى) نىڭ بابارەھىم مەشرەبنىڭ ئەسىرى بولۇشىدىن شۈبھىلەنگەن. تۇنجى بولۇپ ئۇ «مەشرەپ بىر ئەمەس، بەلكى ئىككى بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى مەشرەبمۇ بىرىنچىسى بىلەن زامانداش، ئۇمۇ ئافاق خوجىدىن تەلىم ئالغان ۋە نامانگان، ئوش ياكى ئۆزكەنت تەرەپلىرىدە ياشىغان دېگەنلەرنى تەخمىن قىلغان. بۇ ئىككىنچى مەشرەپنى تونۇش ئۇچۇن تاشلانغان تۇنجى قەدەم ئىكەن.
ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، 1930 يىلى ئۆزبېكىستان فرافېسۇرى ئابدۇرەئۇف فىترەت: «مەشرەپ›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ۋيېتكىننىڭ پىكرلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ بابارەھىم مەشرەپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا كاتتا باھا بېرىدۇ. بىراق فىترەتنىڭ مەشرەپ تەخەللۇسلۇق يەنە بىر شائىرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىمۇ شۇ ماقالىدا بىلىنىپ قالىدۇ.
1959- يىل 14- فېۋرال كۈنى پولات قەييۇموۋ: «مەبدەئى نۇر›› نىڭ بىر نۇسقىسىدا «ئالدىمغا كەل›› رادىفلىق بىر غەزەلنى ئۇچرىتىپ، يەنە بىر مەشرەپ- «ھاپىز روزىباي مەشرەپ›› نى پەيدا قىلىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، شۇ يىلى ئاكادېمىك غافۇر غۇلام باشقا بىر قوليازمىدا ھېلىقى غەزەلنى ۋە «ئالدىمغا كەل›› رادىفلىق بىر مۇخەممەسنى تاپىدۇ ۋە شۇلار ئاساسىدا «ئىككى مەشرەپ›› ناملىق ماقالە تەييارلاپ، «قىزىل ئوزبېكىستان›› گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ. شۇ تەرىقە، ھافىز روزىباي ئىسملىك يەنە بىر مەشرەپ ئەدەبىياتقا كىرىپ كېلىدۇ ۋە «مەبدەئى نۇر›› (نۇر مەنبىئى)، «كىميا›› (خېمىيە) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ شۇنىڭغا مەنسۇپلىقى رەسمى تەن ئېلىنىدۇ.
موللا ھاپىز رۇزىباي قانداق بولۇپ ئۆزىگە «مەشرەپ›› دېگەن تەخەللۇسنى قويىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: «ئالدىمغا كەل›› رادىفلىق مۇخەممەسنىڭ تۆۋەندىكى بەندىدە بولۇپ، مەۋلەۋىي رۇمىينى غايىۋانە ئۇستاز تۇتۇپ كەلگەن روزىباي ئۇنىڭ «مەسنەۋى- مەنىۋى›› ئەسىرىدىكى ئىلاھى ئىشق شارابى تولدۇرۇلغان «جام›› نىڭ لەززىتىدىن رۇھى جەھەتتە «مەشرەپ›› كە ئايلىنىدۇ. بابارەھىمگە ئافاق خوجا «مەشرەپ›› دەپ ئىسم قويغان بولسا، روزىباي بۇ نامنى جالالىددىن رۇمىينىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان ئاشىقلىقىدىن ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنى «مەسنەۋى- مەنىۋى›› نىڭ قەلبىدىكى ئىلم دولقۇنلىرى باغرىدا كۆرىدۇ. ۋە ئۆزىنى «مەشرەپ›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەسىلە «مەبدەئى نۇر›› دىكى مونۇ سەتىرىلەردىمۇ كۆرۈنىدۇ:
«شۈكركىم مەھبۇبى ھەقمەن مۇستەفا ئوغلىم دېگەن،
مۇرتەزا ئېڭىم تۇتۇب، بۇل مېنى فەرزەندىم دېگەن،
كۆزى كور جاندىن باقىب، جانانانى كۆردىم دېگەن،
زاھىر ئىسمىم روزىبايۇ مەۋلەۋىي ئوغلۇم دېگەن،
مەشرەبى سانىي تەلەب بولسەڭ، مەنى ئالدىمغە كەل.››
(«مەشرەبى سانى››- «ئىككىنچى مەشرەپ›› دېگىنى- تەييارلىغۇچى)
لېكىن بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئېنىقراق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ. ئۇلاردىن بىرى ئەبۇ رەيھان بېرۇنىي نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ئابدۇللا ناسىروۋ ئېدى. ئۇ بۇ تېپىشماق ئۇستىدە ئون يىلچە (1964- 1975) باش قاتۇرغان ۋە ئۇنى يورۇتۇش مەقسىدىدە مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ 19 خىل قوليازما نۇسخىسىنى توپلىغان. ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن جايى ۋە يىلىنى ئېنىقلاشقا ئېنتىلگەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا «مەبدەئى نۇر›› (نۇر مەنبىئى) نىڭ بابارەھىم مەشرەپگە تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ ئىسپاتلىيالمايدۇ.
2005- يىلنىڭ باھارىدا مەزكۈر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغۇچى تەتقىقاتچى «ئۆزر فە ئەبۇ رەيھان بېرۇنىي نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ئابدۇسەتتار جۈمەنەزەر قارشى شەھرى تارىخىي ئابىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە كەلگەندە دەل، رۇزىباي مەشرەپنىڭ قەبرىسگە دۇچ كېلدۇ.
قەبرە ئۇستىدە تۆۋەندىكى تارىخ يېزىلغان تاش بار بولۇپ، ئۇنىڭغا:
«تاش ئېگىسى مۇللا روزىباي،
ئەھمەد ئۇممەتى، قۇلى خۇداي.
رەھىم ئەمرىلە، بولدى مەرھۇم،
تارىخى “غەفۇران”دە دۇراي.››
دەپ يېزىلغان ئىدى.
«غەفۇران›› سوزىنى رەقەمگە ئايلاندۇرغاندا، ئۇنىڭدىن ھېجىرىيە 1287- يىل كېلىب چىقىدۇ. بۇنىڭدىن روزىباي مەشرەپنىڭ كېمىدە 1871- يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 80-85 ياشلىرىدا ۋافات بولغىنى ۋە تۇغۇلغان يىلى 1785 - 1790 يىللىرىغا توغرى كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەسىلىدىكى «بابا رەھىم مەشرەپ›› بولسا، 1653-يىللىرى ياشىغان فەرغانىلىك شائىر ئىدى.( فەرغانە ۋادىسى نەمانگان شەھرىنىڭ ئەنجان يېزىسىدا ھۆنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بەلخ ھاكىمى شاھ مەخمۇدخان 1711- يىلى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن- تەييارلىغۇچى)
شۇ تەرىقە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، 1959-يىلدىن 1990- يىللارغىچە ئەدەبىياتشۇناسلىقتا «مەبدەئى نۇر›› ۋە «كىميا›› روزىباي مەشرەپنىڭ ئەسىرى ئېكەنلىكى رۇشەنلىشىدۇ. ھەمدە دۇنيا ئەدەبىياتىدا، ئەسلىدە تونۇشلۇق بولغان بابا رەھىم مەشرەپ («غەزەلىيات مەشرەپ›› نىڭ مۇئەللىفى، «قىسسەئى مەشرەپ›› نىڭ باش قەھرىمانى) بىلەن «مەبدائى نۇر››، «كىميا›› قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە «ئالدىمغا كەل›› تەركىببەندىنىڭ ئاپتۇرى «رۇزىباي مەشرەپ›› تىن ئىبارەت ئىككى مەشرە پ بارلىقى رۇشەنلىشىدۇ.
سېلىشتۇرما:
بابا رەھىم مەشرەپ: (1653- 1711)
رۇزىباي مەشرەپ (1785- 1871 )


شۇنداق ئىكەن، بۇ يەردە بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. ھەر ئىككىلە شائىرنىڭ تەخەللۇسى ئوخشاشلا «مەشرەپ›› بولغىنى ئۈچۈن، ئەسەرلىرىمۇ ئوخشاشلا شۇ تەخەللۇس بىلەن ئۇچىرايدۇ ياكى ئۇچىرىشى مۇمكىن. بۇھالدا بىز ئۇنىڭ قايسى مەشرەپكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا ئۇلارنىڭ مەزمۇنلارنى يورۇتۇش، تىل ئىشلىتىش ۋە باشقا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىغا قاراپ ئايرىشىمىز ۋە بېكىتىشىمىزگە توغرى كېلىدۇ.  پايدىلانغۇچىلارنىڭ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-2 23:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنېمە بولسا ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن مۇھىم بىر ئىنىقسىزلىق ئىسپاتلىنىپتۇ.مەنمۇ ئاڭلىمىغان مەشرەپلەر ئىكەن. مەن تىخى ھازىرغىچە بابارەھىم مەشرەپنىلا بىلەتتىم. بىزگە ياخشى ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۇستاز ئابدۇقادىر سادىرغا تەشەككۇرلەر بولسۇن!
مۇمكىن بولسا «مەبدائى نۇر››دىن بىر نەچچە تىما تەييارلاپ بىزنى يېڭىلىقلاردىن بەھىرلەندۈرگەيلا.
ۋاقتى: 2014-10-3 10:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى مەشرەپنى ئارىۋىلدىم.ئۇستازغا رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-3 16:56:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مەبدائى نۇر›› دىكى غەزەللەردىن يوللاپ قويەي، كېيىنچە باشقا داستان- ھېكايەتلىرىنىمۇ يوللارمەن.
ۋاقتى: 2014-10-5 17:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇپ يىڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم
قۇربان ھىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 07:28 , Processed in 0.739136 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش