قەشقەر شەھىرىگە قاراپ
(نۇرمۇھەممەد ئېركى غەزىلىگە تەخمىس)
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
ئوردا ئالدىدىن قەدىرلىك تاجىدارىمغا قاراپ،
تاجدار ئەۋلادى خەلقىم غەمگۈزارىمغا قاراپ،
غەمگۈزار ئەل چېھرىدە نۇر جەزبىدارىمغا قاراپ،
زوقلىنارمەن قەشقەرىم ئالتۇن دىيارىمغا قاراپ،
تاغلىرىمغا، باغلىرىمغا، ئالمىزارىمغا قاراپ.
ۋاھ، تۈمەن دەرياسىنىڭ ساھىللىرىدا غىچ سۆگەت،
توققۇزاق، سەمەن،... يولىدا كۆك تېرەكلەر رەتمۇ-رەت،
بەشكېرەمنىڭ باغلىرى ئالغانمۇ جەننەتتىن سۈرەت؟
ھەر تەرەپ گۈل، گۈلنى كۆردۈم، مەن ئېچىلدىم گۈل سۈپەت،
گۈل ئارا ئۇچراشقىنىمدا گۈل نىگارىمغا قاراپ.
ھەممىمىز سۇلتان سۇتۇق ئەۋلادى بولغاچ جانجىگەر،
تەڭرىمىزدىن قۇت تىلەپ ئىخلاس بىلەن شامۇسەھەر،
پاك ياشاپ كەلدۇق غۇرۇر-ۋىجدان ئارا مۇمكىنقەدەر،
زوقلىنارمەن قەشقەرىم ــ ئاتام، ئانام ئۆتكەن شەھەر،
بىر زامان تۇرغان ئۇلار ئۆيگە، بازارىمغا قاراپ.
ئەلمىساقتىن خەلقى مېھماندوست ئاجايىپ ھەم چېۋەر،
ھەر كىشىنىڭ قوللىرى گۈل، ئىزلىرىدىن گۈل ئۈنەر،
پاك ئەقىدە، سۆيگۈ، ئىخلاس ئىلكىدە سالسا نەزەر،
مېھرى ئىسسىق بىر شەھەركىم، كۆرسە كىم كۆڭلى چۈشەر،
ھەر كوچا، ھەر بىر ئورۇن، ھەر بىر دىۋارىمغا قاراپ.
قەدىمىي قەلئەلىرىدىن ھەر قاچان چاقنايدۇ نۇر،
دەل-دەرەخلەردىن شىۋىرلاپ تامچىلاپ ۋىجدان-غۇرۇر،
چىن گۈزەللىكنى سۆيەرلەرگە بېرەر بەكمۇ ھوزۇر،
كۆرسە لوندون، كۆرسە پارىژ بىر ئۆمۈر ئاشىق بولۇر،
بىر قېتىم بۇ قەشقەرىمگە، گۈلئۇزارىمغا قاراپ.
خۇددى «مىڭ بىر كېچە»دەك سىرلىقكى كوچا-كويلىرى،
ئۇندا ياڭرايدۇ ھەمىشە پاك مۇھەببەت
كۈيلىرى،
زەپ ھاۋالىقتۇر قىزىل، چاقماق، تۈمەننىڭ بويلىرى،...
يوللىرى تۈز، سۇلىرى شوخ، تال باراڭلىق ئۆيلىرى،
ماڭسىڭىز «ئاپپاق خوجام» ئاتلىق مازارىمغا قاراپ.
ئۈچ تەرەپتىن كۆرۈنەر بۇ يەردە ھەيۋەت قانچە تاغ،
ئۇشبۇ تاغلار باغرى ۋاھ، باغى ئېرەمدەك چارباغ،
بەشكېرەم گويا بېھىشتەك خۇش پۇرايدۇ ھەممە چاغ،
ئاھ نەزەرباغ، ئاھ كېرەمباغ، ئاھ شامالباغ... غىچلا باغ،
«باغ» ئاتالغان چۆرىمىز كۆپ مېۋىزارىمغا قاراپ.
كوچىلارنىڭ زىننىتى كۆللەردە لىق سۇ سۈپسۈزۈڭ،
كۆل بويىدا ئاينىغان شاتۇتلىرى ئاچچىق-چۈچۈك،
«بەشكېرەم خۇۋەينىسى» تاتلىق ئەجەب ھەم بەك چۈرۈك،
سىز كېلىڭ قەشقەرگە بىر ياز يەپ كېتىڭ ئۈجمە، ئۆرۈك،...
مېۋىدىن شۇنداق كۈتەي، بار ئىقتىدارىمغا قاراپ.
بۇ شەھەرنىڭ تۇپرىقىنى مۇشكى ئەنبەردىن دېدىم،
سۇلىرىنى كەم ئەمەس ھەم ھەۋزى كەۋسەردىن دېدىم،
دېسە كىم: «نەدىن يارالدىڭ؟»، «بۇ ئانا يەردىن!» دېدىم،
«سەن قەيەردىن؟» دېسە كىم، ئەلۋەتتە «قەشقەردىن!» دېدىم،
تولدۇرۇپ ئېيتتىم بۇ سۆزنى دوستۇ يارىمغا قاراپ.
بۇ شەھەر ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ قەدىمكى قورغىنى،
گەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام خۇدانىڭ ئۇرغىنى،
سۆزلىرىم راست، ئەي ئاداش، يوقتۇر پەقەتلا يالغىنى،
چىقتى پۇرسەت مەن ئۈچۈن نى-نى شەھەردە تۇرغىنى،
تاللىدى قەشقەرنى ئەقلىم ئىختىيارىمغا قاراپ.
يوق جاھاندا بۇ قەدىم قەشقەر بىلەن بىر تەڭ دېمەت،
چۈنكى ئالىپ ئەرتوڭا سۈرگەن بۇ يەردە سەلتەنەت،
شۇ سەۋەب نۇرغۇن شەھەر قىلغاي ھەسەت، ۋاي مىڭ ھەسەت،
ئىزدىسەم ئالەمدە يوقتۇر بىر ئورۇن «ھېيتكاھ» سۈپەت،...
قالدى ھاڭ-تاڭ ئىنژېنېر....پەشتاق، مۇنارىمغا قاراپ.
ئەڭ قەدىمكى تامچىلار بولغاچ ئەقىللىق ھەم چېۋەر،
رەڭمۇرەڭ كاھىش بىلەن ۋاھ، كۆرسىتىپ ھەرخىل ھۈنەر،
ئۆي بىنا قىلغاچ مازار، مەدرىسە، مەسچىتكە قەدەر،
كاشغەر ــ «كاشگەر» دېمەك، كاشگەر دېمەك ئۇ نەقىشگەر،
قويدى تارىخ «نەقىشگەر»، نەقىشۇ نىگارىمغا قاراپ.
تەڭرى پۈتكەنمۇ ئىپاردىن بۇ شەھەرنىڭ جىسمىنى،
يا بۆلۈپ بەرگەنمۇ جەننەتنىڭ گۈزەل بىر قىسمىنى،
ھۆرۈ غىلمانلار كېلىپ قىلغاچ مۇراسىم-رەسمىنى،
دەۋرى-دەۋران بولدى تەسلىم، قويدى قەشقەر ئىسمىنى،
نەقىش-
سەنئەتكار بوۋامغا، نامىرارىمغا قاراپ.
بۇ شەھەردە كۆكلىگەن ئەجدادىمىزنىڭ يىلتىزى،
بەكمۇ نۇرلۇق چاقنىغان كۆكتە مەرىپەت يۇلتۇزى،
بۇڭا شاھىد ساقىيە، ساجىيە،... مەدرىسە ئىزى،
قەشقەرىم بولمىش ئەزەلدىن مەدەنىيەت مەركىزى،...
نامى بار ئالەم ئارا بەك نامىدارىمغا قاراپ.
خەلقىمىز ئېيتقان بۇرۇن: «بىلىك ــ سۆڭەكلەردە يىلىك،
بۇ ھايات دۇنياسىدا ئالسا ئەگەر كىمكى بىلىك،
ئۆلسىمۇ جىسمى ئۇنىڭ نامى چوقۇم يۈرگەي تىرىك»،
زوقلىنارمەن مەكتىپىم كۆپ شۇ بۈگۈن ھەم چوڭ-كىچىك،
تاڭ سەھەر پوپكا ئېسىپ ماڭغان تۇمارىمغا قاراپ.
بۇ شەھەردە بىر زامان گۇمنام كىيىپ جەندە-كۇلاھ،
«كاشغەر» دەپ قوزغىغان ئەلدە ئاجايىپ غۇلغۇلا،
ھە بۈگۈنمۇ ئوت يۈرەكلەر كۈيلىرى قىلغاي جۇلا،
شائىرە، شائىرلىرىم كۆپ، مۇخلىسىم ئاندىن تولا،
مەنمۇ بۇ ئىشقا ھەۋەسكار گەپ تىزارىمغا قاراپ.
چىن گۈزەللىك ئىزدىگەچ دائىم رەزىللىكتىن قېچىپ،
«كاشغەر تارىخى»نى كۆرگەن ئىدىم بىر-بىر ئېچىپ،
چىقتى ئەجداد روھلىرى پارلاپ قۇياشتەك نۇر چېچىپ،
كۈلدى ئەخلاق گۈللىرى مىڭ بىر گۈزەللىك يۈز ئېچىپ،
مەنمۇ ئۆگەندىم گۈزەللىك ئۆز قاتارىمغا قاراپ.
نۇزۇگۇمنىڭ روھىنى ئەيلەپ ئۆزىگە يار-يۆلەك،
ئەل-ۋەتەننىڭ ئىشقىدا دائىم بولۇپكىم پاي-پېتەك،
تۇتقىنىدا تۆھپىكارلارغا ھالال تەردىن چېچەك،
زوقلىنارمەن قەشقەرىمنىڭ قىزلىرى گۈل-غۇنچىدەك،...
مەڭزى باقسام ئوخشىغاچ ئالما-ئانارىمغا قاراپ.
دەرھەقىقەت، ئۇندا كۆكلەر ئۇيغۇرۇمنىڭ يىلتىزى،
ھەر نىگاھىدىن قالار دىلدا مۇھەببەتنىڭ ئىزى،
توغرا ئىش-ھەرىكەت بىلەن يۈرگەچ كېچەيۇ كۈندۈزى،
ئۆگىنەر ئىسكەتنى ھەم ئەخلاقنى ھەم جەننەت قىزى،
شۇ بۈگۈن قەشقەر قىزى چەشمى خۇمارىمغا قاراپ.
چىن تۆمۈردەك ئەرلىرىڭ ئەلنىڭ غۇرۇر-ۋىجدانىدۇر،
ھەر بىرىنىڭ شۆھرىتى ۋاھ، رۇستەمى
داستانىدۇر،
ھە بۈگۈن ھەقنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ گۈزەل دەۋرانىدۇر،
زوقلىنارمەن قەشقەرىم يىگىتلىرىڭ مەردانىدۇر،....
پەھمى قىلغىن سەن بۇنى نەق ئىشتا كارىمغا قاراپ.
ۋاھ، تۈمەنكۆل بويلىرىدا خۇش ئېچىلغان قامچىگۈل،
لالە-رەيھان، نەرگىسۇ-سەۋسەن، نامازشام، لەيلىگۈل،...
گۈل ھىدىدىن مەست بولۇپ، گۈلدەك ئېچىلغاچ دەر كۆڭۈل:
ياشنا قەشقەر، ياشنا قەشقەر تاڭدا كۈلگەن
ئەتىرگۈل،
ئۆرلە قەشقەر، ئۆرلە قەشقەر ئىپتىخارىمغا قاراپ.
كۆز قىسىپ يۇلتۇز گۈزەل كۆك سەتھىگە چىققاندا ئاي،
نۇر سۈيىدە يۇيۇنۇپ كۈلگەن چېغىدا ھەممە جاي،
ئويلىغاچ دۇتار چېلىپ ئەل كۆڭلىنى قۇتلاپ ئالاي،
«چال!» دېسەم، دۇتار دېدى: «قانداق مۇقامغا چالاي؟»
«چال! ‹گۈزەل قەشقەر›گە چال!» ئېيتتىم دۇتارىمغا قاراپ.
دەيدۇ تۇغلۇق: بولمىغاچقا ئېركىدەك شېرىن سۇخەن،
مەن ئۇنىڭغا ياندىشىپ يازغانلىرىمدا كۆپ ئېۋەن،
ۋە لېكىن قەلبىمگە نۇر بەردى قۇياشتەك پاك ۋەتەن،...
زوقلىنارمەن قەشقەرىمگە بىر ۋەتەنچى ھېس بىلەن
ئېركى مەجنۇندەك كۆيەرمەن مۇشۇ يارىمغا قاراپ.
* * * *
قان-قېرىنداشلىق بولۇپ كەلگەچ تومۇردا قان-قيام،
ئەيلىگەچ ھەم ئۆزئارا ئاتەش يۈرەكلەر ئېھتىرام،
كۈندە ئوردا ئالدىدىن ئۆتكەن چېغىمدا شاد-خورام،
قولنى كۆكسۈمگە قويۇپ بەردىمكى ئۇيغۇرچە سالام،
قەشقەرىمگە ھۆسنى بەرگەن نەۋباھارىمغا قاراپ.