ناسۇھا داموللام: ئىككى پارچە
مەشھۇر ناتىق، مەرىپەتپەرۋەرئالىم نەسۇھا داموللام 1910- يىلى مىسىردا ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ، سۇ دەرۋازامەسچىتى يېنىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە مەكتەپ ئېچىپ، ئۆزى ئوغۇل بالىلارنىئايالى قىز بالىلارنى يىغىپ پەننىي دەرس ئوقۇتقانىدى. شۇ چاغدىكى ئىلىنىڭ ۋەزىيىتىنىتونۇپ يەتكەن نەسۇھا داموللام بىر شېئىرىدا:
بىزنىڭ ئىلىدا شۇنچە لايى كۆپ،
زاكات بەرمەيدىغان بىمەنا بايى كوپ،
توراپ سەيسىگە خەلقنى دائىم،
رەستە - بازار، كوچىدا يايى كۆپ.
پەقىر-مىسكىن، غېرىپلەر شەنىگە،
ئالدامچى، قاششاق، لولى، گادايى كۆپ...
دەپيازغان. يەنە بىر شېئىرىدا:
شاراپەتلىك ئەزىزلەر قالمىدى، قالدى كاساپەتلەر،
پاراسەتلىك ئەدىپلەر يوق، رەئىس بولدى ھاماقەتلەر.
رەئىس بولماق ئۈچۈن سەرىپ ئېتۇر بارى يوقىنى بىل،
سەنلەرگەنى كۆرۈندى سەبىلەر ئېي ھاماقەتلەر.
.................................................
نەسۇھ ئاخىر زاماندا ئىلتىجا قىل خۇدايىڭغا،
سالامەت ئولسا ئىمانىڭ ئەجەپ كۆرگىل كارامەتلەر.
دەپيازغانىدى.
مەنبە: «غۇلجا « بەيتۇللا » جامەسى ۋە بەزى تارىخىي شەخسلەر»ناملىق ماقالىدىن سۈزۈۋىلىندى |