كېرىيە ناھىيىسىدە تۆھپىكار ئەدىپلەر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كېرىيە ناھىيىسىدە «تۆھپىكار ئەدىپلەر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ناھىيىلىك پارتىكوم يىغىن زالىدا چاقىرىلدى. يىغىنغا تارىم ژورناللار نەشرىياتىنىڭ باشلىغى، ئالى مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھۇشۇر، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ شىنخې گوروھىنىڭ لىدىرى يازغۇچى ئۇبۇل ھاشىم, شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپارانتى، چەرچەن ناھىىيە ئارال ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمەسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچى رىسالەت مەردان، ھەمدە خوتەن «يېڭى قاشتىشى» ژورنىلى، «خوتەن گېزىتى» تەھرىر بۈلۈمى، خوتەن ۋىلايەتلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى، خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومى قاتارلىق ئۇرۇنلار، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچى ئەدىپلەر، كېرىيە ناھىيىلىك يازغۇچى ئاخباراتچىلار جەمىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، تەشۋىقات مەدەنىيەت سېتىمىسىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە تۆھپىكار ئەدىپ سۈپىتىدە تون يېپىلىدىغان شائىر مەمەتئەيسا قۇربان ۋە يازغۇچى مەتتۇرسۇن سۇلايماننىڭ ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئۇبۇلقاسىم ئىسلام رىياسەتچىلىك قىلدى، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى غەيرەت يۇنۇس، ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىغى فۇ جىخۇڭ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رېھىم نىياز قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى ۋە قىممەتلىك يوليۇرۇقلارنى بەردى، كېرىيە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن ئابدۇللا «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»، «ئىلى دەرياسى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «كرورەن»، «تۇرپان»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ... قاتارلىق گېزىت ژورنال تەھرىراتلىرىنىڭ تەبرىك تىلىگىراممىلىرىنى ئۇقۇپ ئۆتتى. شائىر ياسىن زىلال ئىككى نەپەر يازغۇچى شائىرنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى ناھايىتى ئەتراپلىق باھالاپ ئۆتتى. «كىتاب مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەنۋەر تاشتۈمۈر ئۆزىنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئۇقۇپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى، شائىر مەتسەيدى مەتقاسىم، مائارىپ ئىدارىسى سىياسى خىزمەت بۈلۈمىنىڭ بۈلۈم باشلىغى، يازغۇچى ھەبىبە مەمەتئەيسا، سىيەك ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى، شائىر ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم، خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ لىكتورى شائىر مۇھەممەت بارات تەشنايى، چەرچەن ناھىيە ئارال ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىمەسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى رىسالەت مەردان قاتارلىقلار مەمەتئەيسا قۇربان ۋە مەتتۇرسۇن سۇلايمان ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزۇر ماقالىلىرىنى ئۇقۇپ ئۆتتى. ئاخىردا ھاكىم غەيرەت يۇنۇس ۋە كېرىيە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتىتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رېھىم نىياز كېرىيە ناھىيىلىك پارتىكوم، خەلق ھۈكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى ئىچىدە بۇ ئىككى نەپەر ئەدىپكە تون ياپتى، ياسىن زىلال «تارىم» ژورنىلىغا ۋاكالىتەن ئىككى نەپەر ئەدىپكە تون ياپتى ۋە تۆھپىكار ئەدىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تەقدىم قىلدى، شىنجاڭ شىنخې گوروھىنىڭ لىدىرى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يازغۇچى ئۇبۇل ھاشىم خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى. ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش ناھىيىلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، سىيەك يېزىلىق پارتىكوم خەلق ھۈكۈمىتى ۋە ئىككى نەپەر ئەدىبنىڭ خىزمەتداشلىرى، كەسىپداشلىرى، دوستلىرى، ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۈڭۈل سوغىلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلىدى.
چۈشتىن كىيىن ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى شائىرلار ۋە كېرىيە ناھىيىلىك يازغۇچى ئاخباراتچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە ناھىيىلىك خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئۇبۇلقاسىم ئىسلامنىڭ يىتەكچىلىگى بىلەن ئويتوغراق يېزىسىنىڭ پاتقاق گازى ئۆلگە كۆرسىتىش ئائىلىرى، سانائەت باغچە رايۇنى، ھېيتگاھ جەمە كۈتۈبخانىسى، كوكيار يېزىسىنىڭ پارنىك مايسا يىتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق كۆزنەك ئۇرۇنلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى. |