بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-23 14:39
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات
كىندىك كېسىش
يېرىلدى ئانار ئۆز تېنىنى بويلاپ،
ئاجرىدى قاراسلاپ جان شېخىدىن جان.
ئاي سۈرتتى تەرىنى تۈڭلۈك بېشىدا،
يېشىنى توختىتىپ تارىدى مانان.
قەلبلەر تەكتىگە چۆكتى ئەنسىزلىك،
شەپەقتە نۇرلاندى يۈزى زاۋالنىڭ.
«پىژ»قىلدى قۇياشنىڭ يۈرىكى شۇدەم،
ئويلىدى:«يوپۇرماق ئايرىلسا شاختىن،
ئەرمىكى بولاتتى كەپسىز شامالنىڭ...».
ئېڭىشتى مومام ھاسىراپ تۇرۇپ،
ئاغزىدا دەمىدە ،قولىدا قۇمۇش.
قۇمۇشنىڭ لېۋىدە پورەكلىدى گۈل؛
پاختىغا مەنىلىك تىكىلگەنچە يىپ-
ئايلىنىپ-ئايلىنىپ يىقىلدى بىھۇش.
ئاق شايى قات بولدى ئۈستى-ئۈستىلەپ،
«ئەستا...»دەپ تاشلىدى دادام تەرەپبال.
قاپىقىنى سۈزدى ھاياتقا مېھمان،
«ئېڭڭە»سى تىپىرلاپ قالدى ئېھتىمال.
بوسۇغا ئالدىدا كىشنىدى تۇلپار،
كۆزىدە كۈلەر چوغ،تۈكلىرى يال-يال...
2015-يىل19-نويابىر(
گۇما).
ئىزاھات:بۇ
شېئىر گۇما ناھىيەلىك
يازغۇچىلار جەمىيىتى ئەزالىرىنىڭ 12-ئايلىق ئەسەر مۇھاكىمە پائالىيىتىدە ئوقۇلغان.