تەۋىسىيە
ئىزدەش

بالىلارغا شاكىلاتنى كۆپ بەرمەڭ

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-03-30 20:03:45


\
شاكىلات تاتلىق ھەم تەملىك بولغاچقا، بالىلار ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار شاكىلاتنى قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە شاكىلاتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىگە زىيانلىق. چۈنكى، شاكىلات تەركىبىدە ماي، شېكەر، كاكائو پاراشوكى ۋە ئاز مىقداردا كالا سۈتى بار. ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى شېكەرنىڭكىدىن %40 يۇقىرى. شاكىلات تەنھەركەتچىلەر، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ۋە تېنى ئاجىز كىشلەر ئۈچۈن كۆڭۇلدىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. بىراق،شاكىلاتنى قۇۋۋەت يېمەكلىكى ئورنىدا بالىلارغا بېرىش توغرا ئەمەس. بالىلار شاكىلاتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئىشتىھانى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قۇۋۋەت ۋە ھەر خىل ئېلمېنىتلار ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىلات تەركىبىدە تالالىق ماددا، ئاقسىل، ئانئورگانىك تۇز يوق، ۋىتامىننىڭ مىقدارى ئاز بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شاكىلات تەركىبىدە يەنە شېكەر كۆپ بولغاچقا، دائىم ئىستېمال قىلغاندا چىشنى ئاسان چىرىتىۋېتىدۇ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长