تەۋىسىيە
ئىزدەش

قاراقاش ناھىيەسىدە«مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش،كۆڭۈل ئىزھار قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈرى : مائارىپ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-07-05 11:46:40

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى :
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ ،ئوقۇغۇچىلار توردا ئارزۇ توشقۇزۇشنى تاماملاپ ،كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدە گۈزەل غايىلىرى ئۈچۈن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا مېڭىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر قىسىم ئالىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشتە بېشى قاتتى.
ئائىلىسدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ،ئالدىنقى يىللىرى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيەدىكى كارخانىچىلارنى ھەم بېيىغان كىشىلەرنى «مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش،كۆڭۈل ئىزھار قىلىش» پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلدى.
قاراقاش ناھىيەسىىنىڭ «مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش،كۆڭۈل ئىزھار قىلىش» پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە قاراقاش خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى،قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى،كارخانىچىلار ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.
پائالىيەت قاراقاش «مەرىپەت»بالىلار باغچىسىدىكى ئوماق بالىلارنىڭ «تەنتەنە» ناملىق كوللىكتىپ ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى .
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شىنجاڭ «دوڭشەن»شىركىتى بىلەن خوتەن »بالىم» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى 200 مىڭ يۈەن نەق پۇلنىڭ چېكىنى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.ئۇندىن كىيىن شىنجاڭ «تەڭرى زېمىن» باقمىچىلىق شىركىتى،شىنجاڭ «ئالتۇن ماكان» بازار ئېچىش چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ «خۇڭخۇڭ شىنتىيەنچىڭ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،قاراقاش «غەربىي دىيار يۇلتۇزى» كىيىم-كېچەك شىركىتى،قاراقاش «گۆھەر زېمىن»يىمەك-ئىچمەك شىركىتى ،شىنجاڭ «شىڭشاڭ» مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار 100 مىڭ يۈەندىن؛شىنجاڭ «غەربىي دىيار» قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار 50 مىڭ يۈەندىن  ؛شىنجاڭ «جىنپىڭ» قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل تەربىيەلەش مەكتىپى قاراقاش تارماق مەكتىپى قاتارلىق كارخانىلار 30 مىڭ يۈەندىن ؛شىنجاڭ «ئالتۇن كىپىنەك»خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ھەم خې پىڭ ئەپەندى بىلەن لۇشېچىن ئەپەندى 20 مىڭ يۈەندىن ؛قاراقاش «مېھىر-شەپقەت»دوختۇرخانىسى  قاتارلىق كارخانىلار ھەم تۇجىنداڭ ئەپەندى،مەمەتئابدۇللا ئەپەندى قاتارلىقلار 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم قولدى. ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىغىلغان مەبلەغ بىر مىليون 925 مىڭ يۈەنگە يەتتى، پائالىيەتتە يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ مائارىپقا ياردەم قىلغان مەرىپەت سۈيەر كارخانىچىلار ھەم ساخاۋەتچى كىشىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ پەرزەنتلەرگە ياردەم بەرگەن ساخاۋەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش

\\\\\\\\\

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号