مېنىڭ گېرمان ياشلىرىم:
بىر يىلدىن كېيىن، مەن يەنە سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
سىلەر بۈگۈن بۇ يەردە بەزى ئىشلارنى ئىسپاتلىدىڭلار، ھازىر پۈتۈن گېرمانىيەدە ئۇرۇش ئوتى يېلىنجاۋاتىدۇ.
مەن سىلەردىن، گېرمانىيەدىكى بارلىق ئوغۇل-قىزلاردىن بارلىق گېرمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەتلەرنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىز ھەممەيلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى ئىستەيمىز، سىلەر ئارقىلىق بىز نىشانغا يېتەلەيمىز.
بىز سىنىپ ئايرىمىسى بولمىغان دۆلەتكە ئىنتىلىمىز، سىلەر چوقۇم سىنىپىي كۆزقاراشتىن ئىبارەت بۇ خاتالىققا كۆڭلۈڭلاردىن ئورۇن بەرمەسلىكىڭلار كېرەك.
بىز بىر بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيەنى كۆرەلەيمىز.
سىلەر چوقۇم دائىم ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار.
بىز خەلقتىن بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىمىز، سىلەرمۇ چوقۇم ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلىشىڭلار كېرەك.
شۇڭا، سىلەر زۆرۈر بولغاندا، ھەم تىنچلىقنى سۆيۈشۈڭلار، ھەم قەيسەر بولۇشۇڭلار، يەنە ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇشۇڭلار كېرەك.
بىز خەلقتىن ئىرادىسىزلىكنى ئەمەس، قەيسەرلىكنى تەلەپ قىلىمىز، شۇڭا، سىلەر چوقۇم ياشلىق مەزگىلىڭلاردا تاۋلىنىپ، پولاتتەك ئادەمگە ئايلىنىشىڭلار كېرەك.
سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلارنى قۇربان قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلار زۆرۈر.......مەغلۇب بولساڭلار ھەرگىز بولمايدۇ.
بىز بۈگۈن ياراتقان ھەممە نەرسىلەرنى كېيىنكىلەر ئۇنتۇپ كەتسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
بىز ئەمدى قوزغالمىساق، خارابىلىك ئىچىدە بايراقنى لەپىلدىتىمىز.
سىلەر ئۇلارنى قولۇڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار.
باشقا ئامال يوق..... بىز پەقەت قانداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلەلىدۇق.
قەلبىمىزنى چاڭگاللىۋالغان ئىدىيەلەر سىلەر ياشلارنىڭ كاللىسىنىمۇ قالايمىقان قىلماقتا.
ھەرىكەتتىكى ئۇلۇغ ئارمىيە گېرمانىيەگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن.
گېرمانىيە بىزنىڭ ئالدىمىزدا!
گېرمانىيە بىزنىڭ قەلبىمىزدە!
گېرمانىيە مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە!
سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ مەشھۇر گېنىرالى سۇۋوروۋنىڭ نۇتۇقى
ياخشىمۇ سىلەر! قېرىنداشلىرىم، باتۇرلىرىم، قەدىناس ھەمراھلىرىم، ياخشىمۇ سىلەر!
بىز چوقۇم دۈشمەندىن غالىپ كېلىشىمىز كېرەك. شان-شەرەپ بىزگە مەنسۇب. تەكشۈرۈش، تېز بولۇش، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننى بىزنىڭ تۇرار جايىمىزنى تاپالماس قىلىپ، بىزنى 100 ۋېرست (بىر ۋېرست 60.1 كىلومېتىرغا تەڭ) نېرىسىدا دەپ ئويلىغان بولسا، بىز ئاشۇ يىراق جايدىن، 200 ۋېرست، 300 ۋېرست، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغىچە قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئۇلارغا تۇيۇقسىزلا ھۇجۇم قىلىشىمىز، مەسىلەن: سىرلىق قوشۇن ئارقىلىق دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئوچاق قىلىۋېتىشىمىز كېرەك. بىز كەسكىن ھۇجۇم قىلىپ، نېمە قورال بولسا، شۇنى ئىشلىتىمىز. ئاتلىق ئەسكەرلەر، ھۇررا! چېپىڭلار، تىقىڭلار، توختىماي قوغلاپ ئۆلتۈرۈڭلار، دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ، قاچالماس قىلىۋېتىڭلار! پىيادە ئەسكەرلەر، نەيزىلىرىڭلارنى ئىشلىتىڭلار!
قېرىنداشلار، ھەممىڭلار باتۇرلار! دۈشمەن ئالدىڭلاردا غال-غال تىترەيدۇ، چۈنكى سىلەر رۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99