تەۋىسىيە
ئىزدەش

«قاراقاش مائارىپى»ژورنىلى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

تۈرى : مائارىپ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-05 00:52:56

\
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى: قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى يېڭى نامايەندە-«قاراقاش مائارىپى»ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.ۋىلايەتلىك ،ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇللىرى 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە «قاراقاش مائارىپى»ژورنىلىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.مۇراسىمدا تۇنجى سان «قاراقاش مائارىپى»ژورنىلى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە تەقدىم قىلىندى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ «قاراقاش مائارىپى»ژورنىلىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە،«قاراقاش مائارىپى»ژورنىلى مائارىپ تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خارەكتىرىدىكى ئۇنۋېرسال پەسىللىك ژورنال بولۇپ ،قاراقاش ناھىيەسىدىكى 570 مىڭ ئاھالىنىڭ  تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن نۇقتا بولۇپ قالىدىكەن.
-سۈرەتتە:  «قاراقاش مائارىپى»ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
\\\
-ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تۇنجى سان «قاراقاش مائارىپى»ژورنىلىنى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇماقتا.
\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号