تەۋىسىيە
ئىزدەش

دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

تۈرى : مائارىپ يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-07 11:19:26

ئاتا ئائىلە تەربىيەسىگە قانچە كۆپ قاتناشسا، بالىنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى شۇنچە ياخشى، جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى شۇنچە زور بولىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
ئاياللار تۇغما ھېسسىياتچان، ئەستايىدىل-ئىنچىكە، مۇلايىم كېلىدۇ، بۇنىڭ بالا تەربىيەسىدىكى رولى ئىنتايىن زور، بىراق بۇ قىسمەن بالىلاردا قورقۇنچاقلىق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، ئاتا دەل مۇشۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ، ئەرلەرنىڭ كەسكىن، يۈرەكلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدەك خاراكتېرى بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولىدۇ.
1.ئاتىلار بالىغا قانداق تەربىيە بېرىش جەھەتتە ئانىلاردىن بالىلىرىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ، ئەمما ئەمەلىي تەربىيەدە ھېچقانداق پىلانى بولمايدۇ. ئاتىلار بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئالدىن پىلان تۈزىدۇ، بالىدا قانداق ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۇرۇشنى ئالدىن ئويلىشىدۇ.
2.تەربىيە مەزمۇنىدا ئاتىلار بىر قەدەر ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاتىنىڭ بىلىم دائىرىسى ئانىلاردىن كەڭ بولىدۇ، ئاتىلار بۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا تارىخىي ھېكايىلەر، ئۆرپ-ئادەت، قەھرىمانلار ھەققىدە ھېكايىلەرنى ئېيتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ.
3. تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىلمىي بولىدۇ. ئاتىلار ئادەتتە بالىنى ئۆزى كاللا ئىشلىتىپ، قول سېلىپ ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئاتىلار بالىغا بىر قەدەر قاتتىق قول كېلىدۇ، ئانا بولسا كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى سەۋەبلىك بالىغا قاتتىق قوللۇق قىلالمايدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ ئەركە چوڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋپچى بولىدۇ.
4.بەدەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئاتىلار بالىلىرىنىڭ قۇم، توپا ئوينىشىنى چەكلىمەيدۇ، ئەمما ئانىلار ئۇلارنىڭ كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىشدىن ئەنسىرەپ، بۇ خىل ئويۇندىن توسىدۇ. ئەنگلىيە ئالىملىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ زىيادە پاكىز بولۇشىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
5. خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئانىلار بالىلارغا زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىنى سەل خەتەرلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرمايدۇ، بىراق ئاتا ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇلار بالىلارنىڭ پائالىيەتچان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ، مۇستەكلەيدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بالىنى ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长