تۈرى : مائارىپ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-14 00:58:05
«ئاپتونوم رايوننىڭ 2016- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى ھەر قايسى تۈركۈمدىكى كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق كۆرسىتىلدى، تەڭشەلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا سىياسەت جەھەتتىن نومۇر قوشۇپ بېرىش دائىرىسى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن نومۇر قوشۇپ بېرىش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىشتىن بەھرىمان بولمىغانلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن؛ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان خەنزۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئىچىدە بىر تەرەپ ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر بۇرۇنقى 10 نومۇردىن 50 نومۇرغا كۆپەيتىلگەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئايرىمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن سىرت، باشقا نومۇر قوشۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىدىغان جەمئىي نومۇر 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاشتىكى ئارزۇ سانى كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، تولۇق كۇرسنىڭ 1-، 2-، 3- تۈركۈمىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرۇشتا، بىر تۇتاش ھالدا 9 دىن تەڭداش ئالىي مەكتەپ بولىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ 1-، 2- تۈركۈملىرى قوشۇۋېتىلىپ، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم تۈركۈمى قىلىنىپ، ئارزۇ تولدۇرۇشتا 9 تەڭداش ئالىي مەكتەپ بولىدىكەن.
تەرجىمان: مۇھەممەد ئەۋەل
قاراقاش ناھىيەسىدە«مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش،كۆڭۈل ئىزھار قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
«ئاپتونوم رايوننىڭ 2016- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئو
ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاش ۋاقتى بېكىتىلدى
ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 274 مىڭغا يەتتى
خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇدا ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھەقسىز بولىدىكەن
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长