تەۋىسىيە
ئىزدەش

بوستان كوچا باشقارمىسى تەتىلگە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى موللاشتۇردى

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-07-27 12:43:30

تەكلىپلىك مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى :
قاراقاش ناھىيەسىدىكى بوستان كوچا باشقارمىسى يازلىق تەتىلگە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ يۇرتنى سۆيۈش،ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى.
يازلىق تەتىل باشلىنىشى بىلەنلا كوچا باشقارمىسى رەھبەرلىكى تەتىلگە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى بوستان،يىپ بازىرى ھەم يۈخۇا قاتارلىق ئۈچ مەھەللىدىكى 100 دىن ئارتۇق  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.بۇ مەزگىلدە ئۇلار ۋەتەنپەرلىك تىمىسىدىكى ناخشا-خورلارنى ئۈگەندى؛ھەربىي مەشىققە قاتنىشىپ ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى؛47-تۈەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى،پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ بودا كەنتىدىكى خوتەن خام قەغەز ماكانى،ناھىيەلىك مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى ،زاۋا بازىرىدىكى شاخلىق قوروسى،قاراقاش بازىرىدىكى  28 قەدىمى تاش تۈگمىنى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ ،ناھىيەدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىدىن خەۋەر تاپتى،يۇرتنى سۆيۈش،يۇرتقا تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزدى.
ئۇلار يەنە ناھىيەلىك مەركىزىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ بۇ يەردە كۈتۈنىۋاتقان بوۋاي-مومايلارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى قىممەتلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدى،ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى تازىلاپ بەردى،بىر قىسىم كىسەلچان مومايلارنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قويۇپ ئۇلارغا مۇھەببەت يەتكۈزدى، ناخشا ئېيتىپ-ئۇسسۇل ئويناپ بۇ يەردىكى كىشىلەرگە مەنىۋى ئۇزۇق بەخىش ئەتتى.ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە  قالدۇردى.
بۇ خىلدىكى تەربىيە پائالىيىتىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى.

\\\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号