تەۋىسىيە
ئىزدەش

جىنشىلى «جۇڭگو ساغلاملىق سەپىرى» نىڭ غەربىي-شىمال رايون بازىرى ئېچىۋېتىلدى

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-25 03:53:58

ئۆز مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن خەۋىرى :

2016-يىلى 21-ماي، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ يېتەكلىشىدە «جىنشىلى جيايوۋ» شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ساغلاملىق سەپىرى» تېمىسىدىكى جىنشىلى ساغلاملىقىنىڭ غەربىي رايون بازىرىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىغا گەنسۇ،  نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى مېھمانلار قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇندىن سىرت دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى تاڭ فاكۇەن ئەپەندى، چېڭ كاڭپېڭ ئەپەندى، دۆلىتىمىزدىكى مول تەجرىبىلىك ماركا مۇتەخەسسىسى ۋۇ پېيلۇن ئەپەندى، داڭلىق خەتتات ليۇ جۇڭخۇا ئەپەندى، جىنشىلى جيايوۋ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى خۇ يىنجيې خانىم، سېتىش بۆلۈمى مەسئۇلى جاڭخۇي ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق «جىنشىلى جيايوۋ» شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ساغلاملىق سەپىرى» پائالىيىتى پارتىيەنىڭ «18-بەش يىللىق» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ساغلام جۇڭگو» ئىستراتېگىيە روھىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، يۈزگە يېقىن مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى يۈزدىن ئارتۇق شەھەرلەردە «ساغلاملىق لېكسىيەسى» سۆزلەپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەردىن ساقلىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇشقا تولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت سوراش سۇپىسى ھازىرلاپ، كىشىلەرنىڭ خاتا بولغان ساغلاملىق بىلىملىرىدىن يىراق تۇرۇپ، توغرا بولغان ساغلاملىق ئېڭى تۇرغۇزۇپ،ساغلام تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.

ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشى بىلەن سەنئەتكارلار مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، جىنشىلى جيايوۋ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى شىركەتكە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى : «جۇڭگو ساغلاملىق سەپىرى ئۈرۈمچى بېكىتى غەربىي شىمال رايون بازىرىنى ئېچىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بۇ قېتىملىق ساغلاملىق سەپىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىنى باش نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، غەربىي شىمال رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، توختاۋسىز ھالدا ساغلاملىق ئۇقۇمى بىلەن ساغلاملىق بىلىملىرىنى تارقىتىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە (ساغلام جۇڭگو) ئېڭىنى ياخشى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇشىمىز ئارقىلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، (ساغلام جۇڭگو) پائالىيىتىنى پائال يۈرگۈزۈشكە تىرىشىمىز».

ئارقىدىنلا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى تاڭ فاكۇەن پىروفېسسور، چېڭ كاڭپېڭ پىروفېسسورلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ساغلاملىق ۋە ساقلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى»، «يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە ساقلىقنى ساقلاش» قاتارلىق تېمىلاردا ئەستايىدىل دەرس بەردى. 26 نەپەر پىدائىيلار ۋەكىلى سەھنىگە چىقىپ قەسەم ئىچىپ مەيدان كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆپچىلىككە جىنشىلى جياۋيوۋ شىركىتىنىڭ «ساغلام جۇڭگو» پائالىيىتىنى پۈتكۈل كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىشتىكى قەتئىيلىكىنى تونۇتتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياش، يېتىلىۋاتقان رىياسەتچىسى مەدىنە بىلەن جىنشىلى جيايوۋ ئۈرۈمچى تارماق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ماخۇي بىرگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئارقىدىنلا جىنشىلى جيايوۋ شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى رەھبىرى، شىنجاڭ مارجان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەنگۈل ئابلىمىت خانىم سۆز قىلدى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长