تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئابلەت ئابدۇللا ، ئەلى قۇربان ، مۇھەممەد سۇلايمانلار قاراقاشتا ھەقسىز لىكسىيە سۆزلىدى!

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-03-06 22:34:15

تەكلىپلىك مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى : 
پۇتبول مەيدانى ناھىيەلىك «بېيجىڭ»ئوتتۇرا مەكتىپى،ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتىپى  ھەم ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن بولۇپ 6000 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. قاراقاش خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى  ،دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى،شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى بىلەن تونۇلغان ناتىق،دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى ئەلى قۇربان مۇئەللىم ھەم تونولغان ئىقتىسادشۇناس،شىنجاڭ «ئىزدەن»كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد سۇلايمان قاتارلىق شىنجاڭدىكى تونۇلغان زىيالىلارنىڭ  ھەقسىز بولغان بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك لېكسىيە پائالىيىتى بۇ يەردە قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.
لېكسىيە پائالىيىتىدە مۇھەممەد سۇلايمان مۇئەللىم «بىز قاچانغىچە ئۆگىنىمىز؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئۆمۈر بويى ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى؛ ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىم «بىزنىڭ نىشانىمىز نىمە؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ ھاياتتا نىشانىمىزنى توغرا تاللاپ،نىشاننى مەركەز قىلىپ ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،بىلىم-ماھارەت ئىگىلەپ،ئۆزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ھازىرقى دەۋرىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى؛ ئەلى قۇربان مۇئەللىم« قانداق ياشىشىمىز كېرەك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ،ھەر ۋاقىت روھى جەھەتتىن ساغلام بولۇپ ،كىشىلەرگە،تەبىئەتكە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ،ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاممىباپ تىلدا، قايىل قىلارلىق سۆزلەپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە نائىل بولدى.تۆت سائەت داۋاملاشقان لېكسىيە باشتىن ئاخىرى ئالقىش-سادالار ئىچىدە تولىمۇ قىزغىن داۋاملىشىپ،مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
سۈرەتتە: ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە
\\
-مۇھەممەد سۇلايمان مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە
\\
-ئەلى قۇربان  مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە
\\
-لېكسىيە سۆزلەش مەيدانىدىن كۈرۈنۈشلەر
\\\
 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长