تەۋىسىيە
ئىزدەش

«ئالتۇن كېپىنەك»شىركىتى چولپانلارنى قاراقاش ناھىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ خەلقىگە شادلىق بېغىشلىدى

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-24 13:55:03

 
قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ،110 نەپەر ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ،جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇۋاتقان قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «ئالتۇن كېپىنەك» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۆزلىرىنى قوللىغان خەلق ئاممىسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالتۇن يەرمەنكىسى  كەچتە قاراقاش خەلق مەيدانىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئالتۇن يەرمەنكىسىدە ئەڭ سۈپەتلىك ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن باھادا يەرمەنكىگە قويدى.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن زەرگەرلەر،سودىگەرلەر 150 توننا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش توختامى تۈزدى.كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدە ئاتاقلىق سەنئەتكارلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،نۇرنىسە ئابباس،نادىرە شاۋكەت قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتنىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ نادىر ناخشىلىرىنى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلدى.10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما چولپانلارنىڭ ناخشىسىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدى.چولپانلار ئامما بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئوقۇپ ئۇلارغا شادلىق ئاتا قىلدى،ئالقىش سادالىرى پەلەككە يەتتى.پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭ «ئالتۇن كېپىنەك» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى نەمۇنىلىك مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەم مەدەنىيەت باشلامچىلىرىدىن بولۇپ 30 نەپەر كىشىنى ماددى جەھەتتىن مۇكاپاتلاپ ئۇلارنىڭ جەمىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
\
\\\\\\\\\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长