تەۋىسىيە
ئىزدەش

شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قاراقاش تارماق مەكتىپى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ قاراقاش خەلقىگە مىننەتدارلىق

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-07-20 17:33:04

جۇڭگو مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ،شىنجاڭ ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ غوللۇق ئەزاسى  ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ، شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىم ئانا يۇرتى بولغان قاراقاش دىيارىدىكى« ئىنتىل» مەكتىپىنى قوللاپ –قۇۋۋەتلەپ بەرگەن قېرىنداشلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش مەقسىتىدە 7-ئاينىڭ 19-كۈنى  چۈشتىن كىيىن  قاراقاش خەلق مەيدانىدا بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى خەيرى-ساخاۋەت   ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
\
ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلجەننەت مەخسۇت،مۇئاۋىن ھاكىم شى خەي قاتارلىق رەھبەرلەر پائالىيەتكە قاتناشتى.
\
 
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، پائالىيەت  شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى قاراقاش تارماق مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئورۇندىغان ‹‹ئىنتىل مارشى›› بىلەن باشلاندى.«ئىنتىل»مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار  ئۆزلىرى تەييارلىغان نادىر  ئەدەبى-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
 پائالىيەتكە يەنە بالىلارنىڭ ياخشى دوستى،تالانتلىق ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ،.داڭلىق ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ،كىچىك ناخشىچى مەھلىيا خۇشتار   قاتارلىق چولپانلار قاتنىشىپ نادىر ناخشا –ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆسىتىپ مەيدانغا كەلگەن ئون مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا  مول مەنىۋى ئۇزۇق بەخىش ئەتتى،
قاراقاش ناھىيەسىدىكى  كەڭ خەلق ئاممىسى شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ، قاراقاش خەلقىنىڭ پەخىرلىك  ئوغلانى  ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىمگە لەۋھە ،گۈل ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى تەقدىم قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ شىجائەتلىك ئوغلانىغا بولغان  ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى، پائالىيەت داۋامىدا ئابلەت مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە يىتىشىگە زور ياردەم بەرگەن ئاتا-ئانىسىغا،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھەمدە  پائالىيەتكە قاتناشقان رەھبەرلەرگە دوپپا تەقدىم قىلىپ ئۇلارغا بولغان  چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى .

\\\\\\\\\\

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号