ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
ھامىلىدار ئاياللار بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقتۇرىدۇ. سىفلىس بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. ھامىلىدار ئايال دەسلەپكى دەۋرلىك سىفلىس بىلەن يۇقۇملانسا ھەمدە داۋالانمىسا، %100 دېگۈدەك ھامىلىگە تەسىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە %50 ئايالدا بالدۇر تۇغۇش ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق پېرىناتال ( تۇغۇت ئالدى- كەينى ) دەۋرىدىلا ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنە قالغان %50 ھامىلىدار ئايال سىفلىسنى بالا ھەمراھى ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقتۇرىدۇ. ھامىلىدار ئايال ئەگەر ئاخىرقى دەۋرلىك سىفلىس بولسا، %10 ىدە سىفلىس ھامىلىگە يۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
تۆرەلمىگە بولغان خەتىرى بىرقەدەر ئېغىر بولغان يەنە بىر خىل جىنسىي كېسەللىك - جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى. ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى پەيدا بولغان بولسا، 1/2 ~1/3 ھامىلە تەسىرگە ئۇچراپ، بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىشى كېچىكىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلۇش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا تۇغما قاپارتقۇ، تۇغما غەيرىيلىك كۆرۈلۈش، ھەتتا ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا تەكرار قوزغالغان جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى بولسا، تەخمىنەن %5 ھامىلە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ھامىلىدار ئايالدا ئەگەر باشقا جىنسىي كېسەللىكلەر، مەسىلەن، سۆزنەك، سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى يەللىكى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلار بولسا، ئادەتتە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقمايدۇ. ئەمما، تۇغۇت يولى ئارقىلىق تۇغقاندا يېڭى بوۋاققا يۇقۇپ، بوۋاقتا سۆزنەك باكتېرىيەلىك ياكى تىراخوما خىلامىدىيەلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى، تىراخوما خىلامىدىيەسى مەنبەلىك ئۆپكە يەللىكى، يۇتقۇنچاق- كېكىردەك ئەمچەكسىمان ئۆسمىنى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟
- كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
ھامىلىدار ئاياللار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا ھامىلىگە يۇقامدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ھامىلىدار ئاياللار بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقتۇرىدۇ. سىفلىس بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. ھامى
جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا : 1. دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ تېرە- تاناسىل كېسەللىكلەربۆلۈمىگە ياكى جىن
جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، يۇقىرىدا جىنسىي ئالاقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ 20 خىلدىن كۆپرەككە يېتىدىغان
بۇ 8 خىل ئۇسۇل سىزنى جىنسىي كېسەللىكتىن ساقلايدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: كۆپچىلىكنىڭ جىنسىي كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ يوقۇش يوللىرىغا بولغان بىلىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك بۇ كېسەللىك ھازىر ئادەتتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىشى كېرەك مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى
